توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش ( 2019 )107-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ,كىملىك نومۇرى1513:********652123، كەسپى :دېھقان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى :تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر؛ بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋابكار ت** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن-2019 يىلى -10ئاينىڭ 17-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. -2019يىلى -10ئاينىڭ 25-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقارغان، 2019-يىلى -10ئاينىڭ 25-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.
توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ت**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار
**20-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت ** لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ت** ھاراق ئىچىپ *****新Kنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىنى ھەيدەپ **ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى كەينى ئىشىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋاپكار ت**دىن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ-7486 [2019] نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە جاۋاپكار ت**نىڭ ھەر 100ml قېنى تەركىبىدە 245mg ئالكوگىل مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:
دېلو قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ت**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133 –ماددىسىنىڭ 1- مەزمۇنىغا خىلاپ ،دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ت**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ. جاۋابكارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش قوشۇمچە 6000 يۈەن شتىراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى 214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2019- يىلى 12- ئاينىڭ 20-كۈنى
قۇشۇمچە:1. جاۋاپكار ت** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە؛
2.دىلو توپلىمى 3 توپلام، پىلاستىنكا 2 دانە؛
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论