欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(塔某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق

جاۋابكار تاXX، ئەر، 1985-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇم: 65292419XXXXXX0519، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيەسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XXكەنىت XX-گورۇپ XX-نۇمۇردا ئلتۇرۇشلۇق، 2012-يىىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 11 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ، جازانى بىر يىل ئالتە ئاي كىچىكتۈرۈپ سىناپ كۆرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككىە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار تاXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)  XX-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

جاۋابكار تاXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا شايار ناھىيە XX بازارلىق بىكەتنىڭ يېنىدىكى نامراتلار بازىرىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز 500 گىراملىق « بېيجىڭ ئېر گوتو» ماركىلق ئاق ھاراقنى ئىچىپ، ئۆيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن، شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتىپ قويغان ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىيى يوق جىگەر رەڭ ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ، XX بازىرى XX كەنىت 4- گورۇپ تەۋەسىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار تاXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 214 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تاXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدىن باشلاپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشى ۋە جاۋابكار تاXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، نومۇر تاختىيى يوق موتسكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى ئاي 25 تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5300 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 XXXX

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (82 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top