温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕287号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2019) -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار تاXX، ئەر ، ئۇيغۇر، 1985-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرىXXXXXXX 6529221985، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ناھىيىلىك X ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە X بازار X يولى Xئولتۇراق رايونى X-بىنا X-كورپوس X-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۇنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار تاXX 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۇنى ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن سائەت 5:20 مىنۇت ئۆتكەنلەر ئەتراپىدا 新NXXMXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ غەرىپتىن شەرىق يۆنلىشدە ھەيدەپ ، ئونسۇ ناھىيە ئونسۇ بازار توخۇلا كوچىسى مائارىپ ئىدارىسى ئالدى يول بۆلكىگە كەلگەندە ئاپتوموبىلنى ھەيدەۋېتىپ ئۇخلاپ قېلىپ يول بويدىكى كۆرسىتىش تاختىسىنى سوقۇۋەتكەن، نەتىجىدە يول كۆرسىتىش تاختىسى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان ، جاۋاپكار تاXX ھادىسە يۇز بەرگەن نەق مەيدانىدىن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەن، ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار تاXXنى ئونسۇ ناھىيە ئونسۇ بازار تۈمۈر چوققا يولى چۇئەن چىڭ مىڭيۈئەن 2-قارار ئولتۇراق رايونى ئالدىدا ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن ھالەتتە قولغا چۈشۇرگەن، مەزكۇر ھادىسىدە جاۋاپكار تاXXگە بارلىق جاۋاپكارلىق بىكىتىلگەن.
ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە ،جاۋاپكار تايXXنىڭ قان تەركىبىدە ml100/221.76ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچنىڭ بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تاXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار تاXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار تاXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: نىجات ئەسقەر
پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكارتاXX ھازىرئائىلىسىدە، تېلىفۇن: XXXXXXXXXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论