شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 【2020】1218 -نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار تx ،ئەر،ئۇيغۇر، 1999-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529231999******، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،سېستىرا، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:كۇچا شەھەر ** يىزا ** كەنىت **-گوروپ 13-نۇمۇر.ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا شەھەرلىك** دوختۇرخانىسى ياتاق بىناسى، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020 –يىلى10– ئاينىڭ 18-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،2020-يىلى11-ئاينىڭ 27-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 【2020】610-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار تx 2020-يىلى10-ئاينىڭ07-كۈنى سائەت23:00ل ئەتراپىدا ئاغىنىسى مx،ئاx،ئەxقاتارلىقلار بىلەن** يېزا بازار ئىچىدىكى بىر ھاراق دۇكىندا ھاراق ئىچكەن،10-ئاينىڭ8-كۈنى سائەت05:30ئەتراپىدا ئۈيىگە كىتىش ئۈچۈن، ** بازىرىدىكى رىمنۇتخانىغا رىمنۇت قىلدۇرغىلى توختىتىپ قويغان 新N***نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت Y136-لىنيەدە غەرپ-شەرق يۆلىنىشتە پىراۋسز مەس ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ 1كىلومىتىر +700مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە،كەينىگە بۇرلىۋاتقان ئەx ھەيدىگەن 新N***警نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق ساقچى موتوسىكلىتى بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن،نەتىجىدە تx يىنىڭ يارلىنىش،ئىككى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، تxنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg 174دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى،ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك،جاۋابكار تxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار تxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسى، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەيسا ھادى
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار تx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论