乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检公诉刑诉〔2020〕3号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 3-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xxxx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تاxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار تاxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدىكى مxxنىڭ ئۆيىگە تامچىلىق قىلغىلى بېرىپ كەچلىكى شۇ ئۆيدە تاماق يىگەچ مxx، ئىxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ، سائەت 22:30 ئەتراپىدا ئxx ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن مxxنىڭ ھويلىسىغا توختىىتپ قويغانxxxx نۇمۇرلۇق xچاقلىق موتسىكلىىتنىڭ ئارقىسىغا ئىxx مىندۈرۈپ، پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ xx يېزا x-كەنىت x-مەھەللە دوقمۇشىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقانxx يېزىلىق خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.
ئەدىليەلىك باھالاش پىكرىدە «تاxx ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 90.99 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تاxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە قاتناش باشقۇرۇش تەرتىپىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش نومۇرى xx .
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسدىىن بىر نۇسقا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论