欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(塔某某涉嫌故意伤害案(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

                                                             ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX- نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار تاXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXX، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى جېجىياڭ ئۆلكىسى شۇياڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخلىمەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تاXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق داۋا ھوقوقلىرىنى ۋە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار تاXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 18:00 ئەتراپىدا XX بازىرى XX-كەنىت كومىتېتىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كەچلىك بازارغا كىرىپ نەۋرە ئاكىسى سXX بىلەن بىرگە پىۋە ئىچكەن، شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر ئۈستەلدە XX بازىرى XX-كەنىت خىزمەت گورۇپپىسى ۋە كەنىت كومىتېتى كادىرلىرىدىن قXX، دXX، مXX، يXX، ئەXX، تXX، ئەXX، تۇXX، جXX، جاڭ XX، ئاXX، تXX، ئاXX، ئېXX، كXX، تۇXX، ئاXX، تۇرXX، تXX، مXX قاتارلىقلار تاماق يېگەچ ھاراق ئىچكەن، سائەت 20:00 ئەتراپىدا جاۋابكار تاXX خىزمەت گورۇپىسى ۋە كەنىت كادىرلىرى ئولتۇرغان ئۈستەلگە بېرىپ «پۇل تاپقان ئادەم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ دىبا، رېستۇراندا ئولتۇرالايتۇق، مەن كەچلىك بازارغا مۇزىكا تىڭشىغاچ ئوسۇل ئوينايمەن دەپ كەلسەم، نېمىشقا مۇزىكا قويمايسەن» دېگەندە، زىيانلانغۇچى قXX ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋابكار تاXXغا «ئۇكام سېنىڭ تەلىپىڭنى ئورۇنلايمىز، مۇقام ئېيتىپ بېرەمدۇق ياكى خور ئوقۇپ بېرەمدۇق» دېگەن، بۇ چاغدا ئاXX بىلەن تXX جاۋابكار تاXXنى كەتكۈزۋەتكەن، ئارلىقتا ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن XX-كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن ئېXX، قXX، غاXX قاتارلىقلار كېلىپ جاۋابكار تاXXنى كەنىت ساقچى ئىشخانسىغا ئاپىرىپ تەربىيە قىلىپ چىقىرۋەتكەن، ئارىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە جاۋابكار تاXX يەنە كەچلىك بازارغا كىرىپ نەۋرە ئاكىسى سXX بىلەن داۋاملىق پىۋە ئىچكەن ۋە سائەت 21:00 ئەتراپىدا بىر ئىستاكان پىۋىنى كۆتۈرۈپ زىيانلانغۇچى قXXنىڭ ئالدىغا كېلىپ «ئاڭلىسام سەن كادىر ئىكەنسەن ھەم بەك نوچىكەنسەن، بۈگۈن سەن بىلەن ئىچىشىمەن» دېگەندە، زىيانلانغۇچى قXX ئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىكى رومكىدىكى ھاراقنى جاۋابكار تاXXغا سونۇپ تۇرۇپ «مەن نوچىمۇ ئەمەس، سەن ئاق ھاراقنى ئىچكىن، مەن پىۋىنى ئىچەي» دەپ ئىككەيلەن پىۋە بىلەن ھاراقنى ئالماشتۇرغان، ئارقىدىن زىيانلانغۇچى قXX جاۋابكار تاXXغا «مەن نوچى ئەمەس، ئىچمىسەڭ قولۇڭدىكى ھاراقنى ماڭا بەر، پىۋىنى ئۆزۈڭ ئىچ» دەپ، جاۋابكار تاXXنىڭ قولىدىكى ھاراقنى ياندۇرۋېلىپ تۆكىۋەتكەن. شۇ ئارلىقتا ئېXX ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ جاۋابكار تاXXنىڭ دۈمبىسىدىن تۇتۇپ «ئۇكام جايىڭغا بېرىپ ئولتۇرە» دېگەندە، جاۋابكار تاXX ئېXXكە «سەن مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشما، نېرى تۇر» دەپ ئېXXنىڭ قولىنى ئىتتىرۋەتكەن، ئاندىن ئاXX كېلىپ جاۋابكار تاXXغا «ماڭ بېرىپ جايىڭدا ئولتۇر» دەپ قولىدىن تارتقاندا، جاۋابكار تاXX تويۇقسىزلا سول قولىدىكى پىۋە ئىستاكانى بىلەن زىيانلانغۇچى قXXنىڭ بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىرنى ئۇرغان، نەتىجىدە قXXنىڭ باش، يۈز ۋە بويۇن قىسمى زەخمىلەنگەن، ئاڭغىچە نەق مەيدانغا چىققان ساقچىلار كىلىپ جاۋابكار تاXXنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭغاندا، جاۋابكار تاXX «مەن كەنىت كادىرلىرى، خىزمەت گورۇپىسىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۋېتىمەن، كېسىلىپ تۈرمىگە كىرسەم، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ھەممىڭنى ئۆلتۈرۋېتىمەن» دەپ تىللىغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرنىڭ زەخمە دەرىجە باھالاشنامىسىدا «زىيانلانغۇچى قXXنىڭ زەخمىسىنى 1-دەرىجىلىك يېنىك زەخمە» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تاXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تاXXنىڭ باشقىلارنىڭ تېنىنى زەخمىلەندۈرۈپ سالامەتلىكىگە قەستەن زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار تاXX ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان تەكرار جىنايەتچى، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىپنامە، ئىككى توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نومۇرى: XXXX

               (3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

   

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top