شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 424-نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار تاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 9119-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:1991********652101، تۇرۇشلۇق ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون **بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، سىياسى قىياپىتى :ئامما، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانغان بولۇپ، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن ئەسلىدىكى تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر يىل ئالتە ئاي قاماق جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كىچىكتۇرۇلگەن، 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۇنى قايتا ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن ئەسلىدىكى تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى يىل ئىككى ئاي قاماق جازاسى بېرىلگەن. 2013-يىلى 9-ئايدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۇنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار تاXXنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، (2019)422-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تۈزۈم قوللۇنۇلۇپ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
جاۋابكار تاXX 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۇنى سەھەر سائەت 2:00 لەر بىلەن جاۋابكار تاXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپىدىكى **گە بېرىپ، يول بويىدىكى كارىۋاتتا ئوخلاۋاتقان زىيانلانغۇچى رXXنىڭ باش تەرىپىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك ئايالچە خۇرۇم سومكنى ئوغۇرلاپ ماڭغان، جاۋابكار تاXX ئوغۇرلىغان قارا رەڭلىك ئايالچە خۇرۇم سومكىنىڭ ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى رXXنىڭ 27713 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە سېرىق ئالتۇن زەنجىر(36.25g)،بىر دانە سېرىق ئالتۇن بىلەيزۈك (g32.29)،ئىككى دانە سېرىق ئالتۇن ئۈزۈك(g10)،بىرجۇپ سېرىق ئالتۇن ھالقا (g15) قاتارلىق ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەرنى ** ناھىيىسىدىكى بىر ئالتۇن دۇكىنىغا ئاپىرىپ 20810 يۈەنگە سېتىۋەتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى، مال باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؛ جاۋاپكار جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايى پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : جاۋاپكار تاXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ھالدا باشقىلارنىڭ 27713.4 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى، 65-ماددىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، شۇڭا، جاۋاپكارغا 1 يىل 8 ئايدىن يۇقىرى 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپى بېرىمىز. جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار تاXX ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا .
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 3 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا بىرگە يوللاندى.
3. تۆۋىنامە بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论