شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 1187-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار تX، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 652923198207102075،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان، شىنجاڭ كۇچا شەھەرىدىن،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرغى: كۇچا شەھەر ** بازار ** كەنىت**-گۇرۇپ**-نۇمۇرلۇق قورو ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2017-يىلى08-ئاينىڭ08-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى فۇرۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك 9 ئايلىق قاماق جازاىسى ھۈكۈم قىلىنىپ،2017-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن .
ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان، 2020- يىلى10- ئاينىڭ23-كۈنى مەجبۇرلاش تەدىبىرى ئۆزگەرتىلپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى11-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر كۇچا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 569-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار تXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 11- ئاينىڭ 13-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
1. جاۋابكار تX 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 08-كۈنى سائەت 21:00 ئەتراپىدا،كۇچا شەھەر ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپ تەۋەلىكىدىكى «** سودا دۇكىنى»غا ھاراق سىتىۋالغىلى كىرىپ،زىيانلانغۇچى ھXنىڭ دېققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ،دۇكان ئىچىدىكى توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويغان 247 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۆك رەڭلىك ۋىۋو ماركىلىق يانفۇننى ئوغۇرلاپ، ئۆزىنىڭ كۇچا شەھەر **بازار ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان .دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
2. جاۋابكار تX 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى سائەت 13:00 ئەتراپىدا، بازارغا كىرىپ ھاراق سىتىۋىلىش ئۈچۈن مىڭىپ كۇچا شەھەر ** بازار ** ئىجدىمايى رايون **-گۇرۇپ تەۋەلىكىدىكى زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ ئىتىزلىقدىن ئۈتۈپ كىتىۋىتىپ، ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ دەرەخكە باغلاپ قويغان 3500 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە قوينى ئوغۇرلاپ ئىلىپ مىڭىپ، كۇچا شەھەر ** بازار ** ئىجدىمايى رايون **-گۇرۇپقا كەلگەندە،يولۇچى مXغا ئەززان باھادا ساتماقچى بولغان جەرياندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكرى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك ،جاۋابكار تXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ ،جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار تXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق،65-ماددا،67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار تX ھازىر كۇچا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،ئالماشتۇرۇپ قاماش رەسمىيتى، جىنايىتىنى تۇنۇپ ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论