خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) 3-نومۇرلۇق
جاۋابكارئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271988، ** مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تىجارەتچى، نۇپۇسى نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھيىسى **بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىرىشكەن جىنايەت تاپاۋىتىنى يۇشۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، قۇشۇمچە 2000 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، 1987-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271987، **مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تىجارەتچى، نۇپۇسى نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھيىسى ** بازىرى ** يۇلى ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكاري**،ئەر ،ئۇيغۇر، 1983-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271983، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تىجارەتچى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھيىسى ** بازىرى ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، شۇكۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مەجبۇرلاش تەدىبىرى ئۆزگەرتىلىپ قۇيۇپ بىرىلىپ، شۇكۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار ئە**، ت**نىڭ قىمارخانا ئېچىش، جاۋابكار ي**نىڭ قىمارخانا ئېچىش، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئۈچ قېتىم ئۇزارتىلدى، دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارلارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىللىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات، دىجورنى ئادۋۇكاتلارنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۈنى ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات، دىجورنى ئادۋۇكاتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكارلار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارلار مەزكۇر دىلودا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
1) 2016-يىلى 1-ئاي مەزگىلدە ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق م** (باشقا ئىسمى ئې**، كىملىك نۇمۇرى *******6528261981، تەكشۈرۈش باسقۇچىدا) نىڭ ئۆيىدە م**، جاۋابكارت**، ئە** ئۈچى بىرلىشىپ بىر قېتىم قىمار سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ قېتىملىق قىمار سورىنىدا م**، جاۋابكارت**، ئە**، ت**ئۈچى ئالمىشىپ قىمار سورىنىدىن 5000 يۈەن چوتۇر يىققان، ھەم بۇ ئۈچەيلەن قىمار سورىنىدا قىمار ئوينىغۇچىلارغا قەرىز پۇل تارقاتقان، بۇ قېتىلىق قىمار سورىنىدا ت**، ي**، ئى**، ر**لار تىگىنى 20يۈئەندىن يۇقۇرسىنى 100يۈئەندىن قىمار زاجنخۇا ئوينىغان، بۇ قېتىملىق قىمار سورىنىنىڭ ئۇمۇمى دەسمايىسى 10000 يۈەن بولغان.
2) 2016-يىلى 1-ئاي مەزگىلدە جاۋابكارت**، ي** ** بازىرى ** ئولتۇراق رايۇنى ** ئىجارىلىك ئولتۇراق بىناسى**-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ي**نىڭ ئۆيىدە ئىككى قېتىم قىمار سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان، جاۋابكارت** بىلەن ي** ئادەم چاقىرغان ھەمدە قىمار ئويناشقا كېرەكلىك سايمانلارنى تەييارلىغان، بۇ ئىككى قېتىملىق قىمار سورۇنىدا ي**، ق**، ب**، ئو**، ر**، م**، ئە**لەر تىگىنى 20يۈئەندىن يۇقۇرسىنى 100يۈئەنگىچە قىلىپ قىمار زاجىنخۇا ئوينىغان، مۇشۇ ئىككى قېتىملىق قىمار سورۇنىدا 20000يۈەن پۇل ئايلانغان، جاۋابكاري** بىلەن ت** ئىككىسى ئىككى قېتىملىق قىمار سورىنىدىن جەمئي 9000يۈەن چوتا يىققان، جاۋبكارت** بۇ سورۇندا قىمار ئوينىغانلارغا قەرىز پۇل تارقاتقان .
3) 2017-يىلى قىش مەزگىلىدە جاۋابكارئە**** ناھيىسى ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپتىكى ئۆزىنىڭ ئۈيىدە ئۈچ قېتىم قىمار سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان، قىمار ئويناشقا ئىشلىتىدىغان سايمان، ئۆي، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى جاۋابكارئە**تەمىنلىگەن، بۇ ئۈچ قېتىملىق قىمار سورۇنىدا ئە**, ئې**، پ**، بى**، ق** قاتارلىقلار تىگىنى 20يۈەندىن يۇقىرىنى 50يۈەنگىچە قىلىپ قىمار زاجىنخۇا ئوينىغان، جاۋابكارئە** قىمار سورۇنىدىن چوتا يىققان، قىمار سورىنىدا قىمار ئوينىغۇچىلارغا قەرىز پۇل تارقاتقان، بۇ ئۈچ قېتىملىق قىمار سورۇنىدىن جاۋابكارئە** 5000يۈەن چوتا يىققان، بۇ ئۈچ قېتىملىق قىمار سورۇنىنىڭ ئۇمۇمى قىمار دەيمايسى 20000يۈەن بولغان .
4) 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە جاۋابكار ي** ئاغىنىسى ق** بىلەن بىللە خېجىڭ بازىرىدىكى قورغان ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچىپ بۇلۇپ سورۇندىن تارقىغاندىن كىيىن، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 03:10 لار ئەتراپىدا، 新M***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىموبىلىنى پىراۋىسى يوق، مەست ھالەتتە ھەيدەپ خېجىڭ ناھىيە ئاققۇ كۆلى جەنۇبى يولى شىنخې ئولتۇراق رايونى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى دىجورنى ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقىغاندىن كىيىن، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ۋەقە بىرتەرەپ قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ۋەقە بىرتەرەپ قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتى ساقچىللىرى2018-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 03 دىن 35 مىنۇتلار ئەتراپىدا جاۋابكاري**نى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كىلىپ، بىلەك قان تومۇرىدىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاپ چىقىشىغا يوللىغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ[2018]****-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە جاۋابكار ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىۋىدە 223 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى باردەپ باھالاش پىكرى چىقارغان بولۇپ، جاۋابكار ي**نىڭ قىلمىشى مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە كىرىدۇ.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، تۇنۇتۇش خاتىرسى، تۇنۇتۇش رەسىمى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئە**، ت**، ي**لار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، كۆپ قېتىم قىمارخانا ئېچىپ، باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ، چوتۇ پۇلى يىغىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن، جاۋابكارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 302-ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار ي** ھاراق ئېچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەس ھالەتتە ھەيدىگەن، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسى بىر تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار ئە**2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىرىشكەن جىنايەت تاپاۋىتىنى يۇشۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،
جاۋابكار ت**2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، يۇقارقى ئىككى نەپەر جاۋابكار جازا مۇددىتى تۇشۇپ بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى بىرىلىدىغان جىنايەتنى قەستەن سادىر قىلغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بىرىلىدۇ.
جاۋابكار ت** خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ بېرىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان بولۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ67-ماددىسىنىڭ1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا تەۋە، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بىرىلسە بولىدۇ.
جاۋابكار ي** بىر قانچە خىل جىنايەتنى سادىر قىلغان بولغاچقا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 69-ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر قانچە جىنايىتى بىرلەشتۈرلۈپ جازا بىرىلىدۇ.
جاۋابكارلار بىرلىشىپ دىلو سادىر قىلغان بولۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئورتاق جىنايەتچىگە تەۋە. شۇڭا جاۋابكار ئە**، ت**، ي*لارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى
2020-يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنى
قوشۇمچە:
1) جاۋابكار ئە**، ت**، ي**لار ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى تۆت توپلام، نۇر دىسكا ئىككى دانە.
3) ئەيىبنامە 23 نۇسخا.
4) جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئۈچ نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论