شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق
جاۋابكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، توقسۇ ناھىيە XX بازىرى XX بازار كەنىت 1-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار سXX2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 13:10 لار ئەتىراپىدا ھاراق ئىچىپ مەسىت بولغاندىن كىيىن، ئەXX نامىدىكى ئۆزىنىڭ 新NF9XXX نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى قارا رەڭلىك بەش كىشلىك ئائىلە ماشىنىسىنى مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ شايار ناھىيە شايار XX خەلق يۇلىدا جەنۇپتىن شىمال تەرەپكە قاراپ كىتىۋېتىپ، 0090 نومۇرلۇق دېلو مەلۇم قىلىش نوقتىسىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قارشى تەرەپتىن كXX ئاتىسى ياسىن تXXلارنى چىقىرىپ ھەيدەپ كىلۋاتقان 新N24XXX نومۇرلۇق ئاق رەڭلىك كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسى بىلەن سۇقۇشۇپ ھادىسە سادىر قىلغاندىن كىيىن، ماشىنىنى ئۆز ئورنىغا تاشلاپ قۇيۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ شايار بازىرى XX ئاھاللە كومىتىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار سXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 221 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى «يول قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى» چىقىرىپ «سXX بۇ قېتىمقى ھادىسىدە تۇلۇق مەسئۇلىيەنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، كXX ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.
مەھكىمىمىز جاۋابكار سXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدىن باشلاپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشى ۋە جاۋابكار سەمەت ئەخمەتنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، ھادىسە سادىر قىلىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كىتىپ، تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، تۆت ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 8300 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
XXXX
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (127 بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论