ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞40–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار سە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى** ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529281999، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مۇلۇماتلىق، شىنجاڭ **ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** ناھىيسى** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى **رايۇنى ** يولى ** ئىنىستوتى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار سە**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 4-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار سە**2019-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نومۇرى: **، ئىسىمى «AAA品牌机(厂家直销)» بولغان ئۈندىدار دوسلار چەمبىركىگە باشقىلارنى ئالداش مەقسىتىدە يانفۇن سېتىش ئېلانى چىقىرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلار ئېلاننى كۆرۈپ يانفۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن جاۋابكار سە** پۇلنى ئېلۋېلىپ يانفۇننى قارشى تەرەپكە سېلىپ بەرمەي ئۇلارنى ئۈندىداردىن يۇيۋېتىپ توققۇز نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىدىن جەمئى 5069 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان، بۇ پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار سە**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش خاتىرىسى؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار سە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنىڭ تۇتۇلۇش (دېلوغا كېلىش) جەريانى ئىسپاتى.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار سە**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار سە**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 2–ئاينىڭ 2–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار سە** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论