توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1- بۆلۈم ئەيىپلەش [2020] 230-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ش**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0014********652123 تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: ئاشپەز، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى:شىنجاڭ ** ناھىيە ** جەنۇبى ** يىلاڭ *-كوچا ***-نۇمۇر. بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋاپكار ش** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ش**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى
2020-يىلى 06-ئاينىڭ 20-كۈنى 18:23 لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار ش** پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 4****新K نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى مىنىپ توقسۇن ناھىيە 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدىكى يول بۆلىگىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋاپكار ش**دىن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىيىلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.
2020-يىلى 06-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [ 2020] ****-نۇمۇرلۇق ئەدىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن ش**نىڭ ھەر ml100 قېنىنىڭ تەركىبىدە mg191ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات
2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،
3.شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىيىلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]****- نۇمۇرلۇق ئەدىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسى.
4.نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،سۆرئەتلىرى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ش** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە،جاۋاپكار ش**نىڭ پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133–ماددىسىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ش**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكارغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە 6000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.
شۇڭا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسى،214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:رەيھانگۈل كىرەم
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار ش** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
2.دىلو ج خ توپلىمى ئىككى توپلام،تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论