شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2019)1992-نومۇرلۇق
جاۋاپكار شxx،ئەر،ئۇيغۇر،30ياش،xx19-يىلىx-ئاينىڭx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292419 ، ماسسا، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋەيىسىگە ئىگە،دېھقان ،شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت x-گۇرۇپتا ئۇلتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان.بۇ قېتىم قەستەن زەخملەندۈرۈش جىنايىتىگە چىتىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى شايار ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە تۇختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ھازىر شايار ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار شxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئېغىر) جىنايەت دېلوسىنى (2019)311-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنى ئۇقتۇردى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى 6-ئاينىڭ25-كۈنى سەھەر سائەت 00:00لەر ئەتراپدا جاۋاپكار شxx شايار ناھىيەxxبازىرى xx كەنت x-گورۇپتىكى ئۈيىدە خxxىنى« نىمشقا ئۆيگە بالدۇر كەلمەيسەن»دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ تىلفۇنى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ يۈزىگە بىر قانچىنى ئۇرۇپ ، تىلفۇننى تامغا ئېتىپ چىقىۋەتكەن.ئاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ چىچىدىن تارتىپ بەنچاڭ ئۈستىدىن يەرگە يىقىتىپ،پىدەي بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ دۈمبىسگە7-8نى ئۇرۇپ، بىقىنىغا بىر قانچىنى تەپكەن.ئارقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ چىچىدىن تۇتۇپ كارىدۇرغا سۆرەپ ئەچىقىپ بىقىنىغا بىر قانچىنى تىپىپ ، پىدەينىڭ تۈمۈرى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ يۈز قىسىمغا ئۇرغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxx ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تۇتىشىغا جاۋاپكار شxx «سەن ئىشىكنى تاقىۋىلىپ نېمە قىلماقچى ئىدىڭ»دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنى كارىدۇرغا يىقىتىپ قۇرسىقىغا مىنىۋېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ چىچىدىن تۇتىۋىلىپ بىشىنى يەرگە ئۈستۈرگەن.ئارقىدىن يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ چىچىدىن تۇتۇپ ياتاق ئۆيگە سۆرەپ ئەكىرىپ چەيدۇنىڭ شاپلاق تۈمۈرى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ بىشىغا ئۇرۇپ«سىنىڭ قۇلىقىڭنى كىسىۋاتىمەن»دەپ تەھدىت سالغان،ئارقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxx « سىزنىڭ مىنى ئۇرغانلىقىڭىزنى مەن ھىچكىمگە دىمەيمەن،مەن ساقىيىپ ئاندىن ئۆيدىن سىرتقا چىقىمەن» دىگەندىن كىيىن، جاۋاپكار شxx قۇلىدىكى چەيدۇنى تاشلاپ قۇيۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ چىچىدىن تۇتىۋىلىپ يەنە بىر قۇلىدا ئۇنىڭ بىشىغا ئۇرغان كىيىن يەنە داۋاملىق پىدەي بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ دۈمبىسگە ئۇرغان. ئارقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxx تاياققا چىداپ بۇلالماي ئىككى تەرەپكە ئېغىناپ كەتكەن بولسىمۇ جاۋاپكار شxx يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ قۇرسۇقىغا پۇتى بىلەن تىپىپ ئۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxx جاۋاپكار شxxغا «مىنىڭ قۇرسۇقۇمنىڭ ئىچى بەك ئاغىرىپ كەتتى» دىگەندە جاۋاپكار شxx زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxغا«سەن ھىلىگەرلىك قىلىۋاتىسەن» دەپ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنڭ بەدەنلىرىگە پىدەي بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇرسىقىغا تەپكەن. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00لەر ئەتىراپىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنى ئۆيگە سولاپ قۇيۇپ ئېتىزغا كەتكەن.
شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تېخنىك باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2019)32-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خxxنىڭ زەخمىسى ئېغىر زەخمە(2-دەرىجە) دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار شxxنىڭ باشقىلارنى ئۇرۇپ ئېغىر زەخمىلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان قىلمشىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش (ئېغىر) جىنايىتى شەكىللىندۇ. پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچىرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 234-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە،جاۋاپكار شxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论