焉耆县人民检察院
起 诉 书
焉检一部刑诉〔2020〕60号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش [2020]60-نومۇرلۇق
جاۋابكار ۋنامەلۇم، ئەر، 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۇنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيسىدە تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 6528261992xxxxxxxx، ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،قاسساپ، قاراشەھەر ناھىيسى XX يېزىسى XX كەنتى 4-گۇرۇپپا 99-نۇمۇر. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،قاراشەھەر ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.
جاۋابكار ۋنامەلۇمنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا قانۇن بۇيىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقوقىنى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ۋنامەلۇم 2020-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى سائەت 18دىن 45مىنۇتلار ئۆتكەندە، ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز،تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن 新MM7737 نۇمۇرلۇق ئۈچ موتسىكىلىتنى قارشەھەر ناھىيە جىنلىياڭ يۇلىدىن مىنىپ ئەندا سودا سارىيىنىڭ يېنىدىكى قىزىل چىراققا كەلگەندە،قاراشەھەر ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزى،جاۋابكار ۋنامەلۇمنىڭ 100مىللىتىر قان تەركىۋىدە 103مىللىگىرام ئىسپىرىت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات،باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ، بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار بىكىتىلگەن جىنايى پاكىت ۋە جىنايەت نامىغا قارىتا باشقىچە پىكرى بولمىدى.ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ۋنامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە موتسىكلىت مىنگەن قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارمىغىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك. خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى شۇڭا جاۋابكار ۋنامەلۇمغا قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگەخەۋىپسىزلىك ئىدارىسى
تەپتىش:ياسىنجان ئىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش:ئىلھامجان ئابلىمىت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى
قوشۇمچە:(1) جاۋاپكار ۋنامەلۇم بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام (3) ئەيىبلەشنامە 8 پارچە، كىپىللىك خېتى بىر پارچە، تېز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى بىر پارچە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى 1 پارچە دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论