欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(多某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020] 404-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار دXX، ئەر، ئۇيغۇر، XXياش، كىملىك نومۇرى: 65290119XXXXXXXXXX، XXشەھەر XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن XXشەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

   XXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى [2020]941-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار دXX 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23:00 لەردە XXشەھەر «XX» تاماقخانىسىدا 250 گىرام ئەتراپىدا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 02:30 لەر ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن 新NXXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ئايالى خXXغا ھەيدىتىپ، XXشەھەر XX ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، ئايالى خXX ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغان، جاۋاپكار دXX ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەپ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىگە كىرگەندە شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋاپكار دXXنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى جاۋابكار دXXنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 165.11 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار دXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار دXX جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكار دXXگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە 2 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ كىچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                   تەپتىش : نۇسرەت ئابلىز 

                        مۇۋەققەت تەپتىش : ئېلىيار ئابدۇن

   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:XXXXXX 13899

   2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top