شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-تارماق ئە چىقىش (2020) 417 -نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر،-19** يىلى -** ئاينىڭ -** كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6521******2122، ساۋاتسىز، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنىت 3- گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغۇرلۇق جىنايتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئوXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى -1 ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە، جاۋابكار ئوXX ئاغىينىسى ئاXX، ئاXX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتىش يولىدا ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىك تۇرXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، تۇرXXنىڭ ئۆيىدىن تاماكا ئوراپ چىكىش ئۈچۈن گىزىپ ئالغىلى ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئۈستەلنىڭ تارتىمىسىنى ئاختۇرغاندا تارىتمىنىڭ ئىچىدىكى پۇلىنى كۆرۈپ ئوغۇرلاش مەقسىتىدە، پۇلنى يانچۇقىغا سىلىۋىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن، جاۋابكار ئوXX ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوغۇرلىغان 8000 يۈەن نەق پۇلنى ئۆينىڭ شىمال تەرىپىدىكى تامنىڭ تۈۋىگە يوشۇرۇپ قويغان. (ئوغۇرلانغان نەق پۇل ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان(
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 5. ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئوXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئوXX قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ 8000 يۈەن نەق پۇلىنى يوشۇرۇنچە ئېلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار ئوXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار ئوXX 1 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋابكار ئوXXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020-يىلى 6-ئاينىڭ2-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ئوXX ھازىر كىپىللىكتە، ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نومۇرى: 138****1297.
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخېتى 1 پارچە، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 2 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论