欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(如某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕361号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)361 -نۇمۇرلۇق

 جاۋاپكار رxx، ئەر ، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى:xxxxxxxx6529221959 ، ساۋاتسىز ،  شىنجاڭ xx  ناھىيە xx بازار xx-كەنت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ، دېھقان ، ئىلگىرى جازالانمىغان ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ7-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

     ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رxx نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

         قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    جاۋاپكار رxx  2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنى، سائەت 20:02 ئۆتكەنلەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن، پىراۋىسز ،نومۇر تاختىسى يوق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ ،جام بازار يېڭىمەللە كەنت 3-مەھەللە تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،  موتوسىكلىت بىلەن يول  ياقىسىغا يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭىمەللە كەنت ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

    ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ  قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە جاۋاپكار رxx   قان تەركىبىدەmg/100ml 280.32 ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.

     يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچنىڭ بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

 يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

 مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكار رxxنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار رxxنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

       ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

      تەپتىش: نىجات ئەسقەر        

                    پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت   

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5 -كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى. 

(2) جاۋابكار رxx  ھازىرئائىلىسىدە

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top