欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(如某某涉嫌交通肇事案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                        ئەيىبنامىسى          

    ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

  جاۋابكار رXX  2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا XX ۋىلايەتلىك XX يۈك تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدىكى XX نومۇرلۇق تۆمۈر بېسىلغان يېنىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئەXX ، ئەخمەت XX قاتارلىقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ دۆلەت يولى 219-لىنىيەدە شەرقتىن-غەرپكە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ XXكىلومىتىر XX مېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئاپتوموبىل يولدىن چىقىپ كېتىپ كۆۋرۈكنىڭ قىرغىقىدىكى سېمۇنىت تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن، نەتىجىدە ئاپتوموبىلنىڭ ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان ئەXX  نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن، ئەخمەت XX يارىلانغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

 ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ (2019)XX-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئەXXئوتنىڭ تەسىرىدىن شۈك بولۇپ ئۆلگەن دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى (2019)XX-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسە ئېتراپنامىسىدە رXX يۇقارقى ھادىسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەXX، ئەخمەت XX مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ ھادىسە ئېتراپنامىسى چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار رXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار رXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، قاتناش- تىرانسىپورت بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيپنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX

(3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

(4) قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزنامىسىدىن 3 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top