欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(如某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە (2020) 100-نومۇرلۇق

جاۋابكار رxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxxx65292420، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت x-گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر شايار ناھىيەلىك قاماقخاندا قاماقلىق.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8–ئاينىڭ 27-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 241-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار رxx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت كومتىتىدا زىيانلانغۇچى ئاxx، خەلق ئەسكىرى مxx، ئېxx قاتارلىقلار بىلەن بىرگە دىجورنى تۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق باشقىلار بىلەن قىزىل بولاق ئېتىپ ئويناۋاتقان پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ يان تېلفۇننىڭ ۋە ئۈندىدار ئىچدىكى پۇل قاپچۇقىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى كۆرۈۋالغان ۋە داۋاملىق دىجورنى تۇرۇپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 03:00 لەر ئەتىراپىدا، كەنت كومېتىتىنىڭ دەرۋازا تۈۋىدىكى دىجورنىخانسىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ يان تېلفۇننىڭ كارۋات ئۈستىدە توكقا چېتىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاxxنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ تېلفۇنىدىكى ئۈنىدارىنى ئېچىپ، ئاxxنىڭ ئۈندىدارىدىن ئۆزىنىڭ bahtim san نامىدىكى ئۈنىدىدارىغا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئى 5000 يۈەن پۇلنى يۆتكەپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ ئۈندىدارىدىكى پۇل يۆتكىگەن ئۇچۇرنى ئۆچۈرۋېتىپ، ئاxxنىڭ تېلفۇنىنى ئەسلى ئورنىغا قويۇپ قويغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار رxx 2019-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە، زىيانلانغۇچى مxx بىلەن تۇنۇشۇپ ئارلىشىپ يۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى مxxنىڭ ئۈندىدارىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بىلىۋېلىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېxx ( ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن زىيانلانغۇچى مxxنىڭ ئۈنىدارىدىكى پۇلنى ئېلۋېلىشىنى مەسلىھەتلىشىپ، ئېxxنىڭ يان تېلفۇنىدا مxxنىڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ، مxxنىڭ armanim san” “ نامىدىكى ئۈندىدارىدىن ئۆزىنىڭ «王子» نامىدىكى ئۈندىدارىغا ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ، جەمئى 750 يۈەن پۇلنى قىزىل بولاق شەكىلى ئارقىلىق يۆتكەپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن، ئېxx بىلەن بىرگە خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار رxx 2019-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە، شايار ناھىيە بازىرى xx كوچىسى xx-نۇمۇرلۇق قورودىكى زىيانلانغۇچى ياڭ xx ئاچقان مۇنچىغا يۇيۇنغىلى كىرىپ، يۇيۇنۇپ بۇلۇپ چىقىپ كىتىش جەريانىدا، مۇنچا ئىچىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇلغان بىر دانە 83OPPO A ماركىلىق يان تېلفۇننى كۆرۈپ، ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى ياڭ xxنىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان 540 يۈەن قىممىتدىكى يان تېلفۇننى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار رxx 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېxx ( ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) بىلەن بىرگە شايار ناھىيە گۈلباغ يېزا ساراستى كەنتىدىن شايار ناھىيە شايار بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن، ساراستى كەنىتلىك ئەxxنىڭ ماشىىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئەxx، زىيانلانغۇچى مxx، خېxx قاتارلىقلار بىلەن بىرگە مېڭىپ، ئەxxنىڭ گۈلباغ بازىرى يېڭى ئاقئېرىق كەنتىدىكى چوڭ دادىسى رۇxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، زىيانلانغۇچى مxx، خېxx، ئەxx ئۈچەيلەن ماشىندىن چۈشۈپ، رۇxxنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، جاۋابكار رxx ئېxx بىلەن بىرگە ماشىنىدا يۇقارقىلارنى ساقلاپ تۇرۇش جەريانىدا، ماشىنا ئورۇندۇقىدا زىيانلانغۇچى مxxنىڭ سۆسۈن رەڭلىك سومكىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، جاۋابكار رxx ئېxx بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ماشىنىدا باشقا ئادەم يوق پۇرسەتدىن پايدىلىنىپ، مxxنىڭ سومكىسنى ئاختۇرۇپ، سومكا ئىچىدىن 500 يۈەن نەق پۇلنى ئېلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئومۇمەن، جاۋابكار رxx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، شايار ناھىيە نۇرباغ يېزا، شايار بازىرى، گۈلباغ بازىرى تەۋەسىدە، ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ 4 قېتىم ئوغۇرلۇق دېلوسى سادىر قىلىپ، يۇقارقى 4 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ جەمئى 6790 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغرىلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كېلىپ، قالدى زىيانلانغۇچىلارنىڭ 1790 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار رxxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، كۆپ قېتىم، باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار رxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top