欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(孔某某盗窃案)_博乐市人民检察院

2021-09-24 独角龙 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕144号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 144-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار قۇ**،ئەر،ئۇيغۇر، 1994-يىلى**-ئاينىڭ **–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6527011994********، ساۋاتسىز، ئىشسىز، تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنىت **- نۇمۇرلۇق ئۆي، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەلىك ج خ ئىدارىسى** ساقچىخانىسى ،2013-يىلى 4-ئايدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، 2017-يىلى 4-ئايدا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ بىر يىل كىچىكتۈرۈلگەن. 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىنچە قولغا ئىلىنغان ،ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.           

مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى (2020) 104-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار قۇ**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

1. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كىيىن  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار قۇ** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز پىيادە بورتالا شەھەر ليەنتۇڭ يولى ليەن يۈشىياڭ كوچىسىدىكى ناۋايخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ،ئىچىدە ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ يېنىدىكى ئۆزىنىڭ ئاچىقۇچى ئارقىلىق ناۋايخانىنىڭ ئىشىك قۇلۇپىنى ئېچىپ ئىچىگە كىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ ياغاچ ساندۇققا سېلىپ قويغان  1150 يۈەن خەلىق پۇلىنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان  (زىياننىڭ قىسمەن قىسمى يەنى 700 يۈەن ئىگىسىگە قايتقان).

2. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20 دە، جاۋاپكار قۇ** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز بورتالا شەھەر چىندىل بازىرى گۈلۈمتى 2-كەنىتتىكى ئا**نىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا تېمىنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ھويلىغا كىرىپ  ئۆيدە ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ شۇ ھويلىدىكى شوتا ئارقىلىق كەپتەر قەپىزى بار ئۆگىزىگە چىققان،ھەمدە ئۆگىزە ئۈستىدىكى ئامبور بىلەن قەپەزنىڭ تور سىمىنى كېسىپ شۇ يەردىكى قاماق بىلەن قەپەز ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ش**نىڭ 5 دانە كەپتىرىنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان (زىيان ئىگىسىگە قايتقان).                                                                                                                                                                              

3. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار قۇ** ئۆزى يالغۇز تاماق سېتىۋىلىش مەقسىتىدە بورتالا شەھەر گۈلۈمتى شىمالى يولى ما** كالا گۆشى ئۈگۈرىخانىسىغا كىرگەن، ئاشخانىغا كىرىپ ئىچىدە ئادەم يوقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىگە كېلىپ ئاشخانا ئىچىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ما** قويۇپ قويغان پورتىمال ئىچىدىن 1100 يۈەن خەلىق پۇلىنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان (زىيان ئىگىسىگە قايتقان).

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، باھالاش يەكۈنى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار قۇ**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە كۆپ قېتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ 2250يۈەن نەق پۇلى ۋە 200يۈەن قىممىتىدىكى قانۇنلۇق مال- مۆلىكىگە دەخلى تەرۈز قىلغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65- ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top