欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(学某某危险驾驶案)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                             ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش  (2020) 662 - نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 جاۋاپكار ش X X، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529291995XXXXXXXX، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: كەلپىن ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھەر X X ئولتۇراق رايۇنى X X - بىنا X X - كۇرپۇس X X- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمغان. 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى (2020) 1337- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلىپ، جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 21:30 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ش X X ئاقسۇ شەھەر X X ئولتۇراق رايۇنى يېنىدىكى بىر ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن چىقىپ شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ يول ياقىسىغا چىقىپ تۇرۇشىغا شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار ش X X نىڭ ھەر 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 225.02 مىللىگىرام (100ml/225.02mg) بۇلۇپ، مەسىت ماشىنا ھەيدىگەن.

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 4886 - نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا « ش X X نىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 225.02 مىللىگىرام (100ml/225.02mg) » دەپ بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ش X X يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، جاۋابكار ش X X قىلمىشىنى ئەيىنەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار ش X X نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە X X ئاي X X كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە X X يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.       

     

تەپتىش : ئېرپان ھامۇت

     تەپتىش :  ئالىمجان ئېزىز

  2020- يىلى 12- ئاينىڭ  2- كۈنى

ئىزاھات:

(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 1377980XXXX

(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top