欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(它某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

تۇرپان شەھىرى

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                             ئى ر ت 1-ب ئە  (2020) 108 - نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

   جاۋاپكار تXX، **، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى65210119******281X ، نوپوسىكى ئادىرسى: تۇرپان شەھەر **** رايون **** يولى **** ئولتۇراق رايونى **** رايونى 8-بىنا 1-ئىشىك 602-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ **** شېركىتى تۇرپان تارمىقىدا ئىشلەيدۇ، بۇرۇن جازالانمىغان، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار تXXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى قوللانغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان  قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

2020يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:05لەر ئەتراپىدا، جىاۋاپكار تXX پىراۋىسىز ھالەتتە، ھاراق ئىچىپ باشقىلارنىڭ 新K*****نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ****رايون **** يولىدا جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ، ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي، ماشىنا يول ياقىسىدىكى توك سىتولبىغا سۇقۇلۇپ يول سىرتىغا چىقىپ كەتكەن.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ [2020]367-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكىلاتىدا:«تXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھولنىڭ مىقدارى 240 مىللىگىرام >> دىيىلگەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : تەرتىپ جەھەتتىكى ئىسپاتلار؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛ باھالاش پىكىرنامىسى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات  قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بۇلۇپ، ئاساسلىنىشقا بۇلىدۇ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار تXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمونىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا 3 ئايدىن يۇقىرى 5 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراق قۇيۇش تەكلىۋى بېرىمىز. جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش : پاتىگۈل خالىق                      

                                   2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى

قوشۇمچە:

1. جاۋاپكار تXX  كېپىلدە.

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، 2 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top