欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(安某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2021〕39号 

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2021) 39-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئە ،XX ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى ********65292719، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرېسى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايىى ئۇچتۇرپان ناھيە XX بازىرى XX يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-دوم **-ئۆي، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئە XXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئە XX 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا، ئاغىنىسى ئا  ،XX م XX قاتارلىقلار بىلەن ئۇچتۇرپان بازىرىدىكىXX مۇزىكىلىق كۇلۇبىغا كىرىپ 500 گىراملىق يېگې ماركىلىق ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ، بىر يېرىم پوتولكا ئېچىپ بولغاندىن كېيىن سائەت 01:00 ئەتراپىداXX مۇزىكىلىق كۇلۇبىدىن قايتىپ چىقىپ، كۇلۇبىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا تۇختۇتۇپ قۇيغان ۋۇشياۋ نامىدىكى ****新A نومۇرلۇق ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېڭىپ يول بويىغا چىققاندا، شۇ ئەتىراپتا چارلاۋاتقان ساقىچلار تەرىپىدىن بايقالغان. 

جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى ئە XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 150.73 مىللىگىرام دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ .جاۋابكار ئە XX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئە XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار قاتارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ جاۋابكارغا 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 4000.00 يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت

پۈتۈكچى: ئامانگۇل تۇردى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.   ئالاقىلىشىش نومۇرى: ********185

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top