乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕63号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر ،-xxيىلى-xxئاينىڭ-xxكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا -xكەنت -xمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى -1ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار ئە xx2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 14:00 تىن 21:00 گىچە ئاغىينىسى ئېxx، ياxx قاتارلىقلار بىلەن xx يېزا بازىرىدىكى بىر ھاراق دۇكىنى ۋە xx يېزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى ئاxxىڭ ئارامگاھى قاتارلىق ئىككى ئۇرۇندا ھاراق ئىچكەن، ئەتىسى يەنى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 00:00 ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ xx چاقلىق موتسىكلىتىنى پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ ئالدىغا كىلىشىگە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش دوكلاتىدا «ئەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 234.21 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەxxىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تولۇق تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يول بۈلىكى ۋە مۇساپە، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى:
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论