博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕165号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 165-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئە** ،ئەر،ئۇيغۇر، 32ياش، 1988- يىلى**- ئاينىڭ**–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6527011988********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، دىھقان، تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنىتى، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەر ج خ ئىدارىسى ** چىگرا ساقچىخانىسى. 2015- يىلى03-ئاينىڭ02-كۈنى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن، بورتالا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھككىمىسى تەرپىدىن 11ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018- يىلى04- ئاينىڭ12- كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش قىلمىشى بىلەن، بورتالا شەھەرلىك خەلىك سوت مەھككىمىسى تەرپىدىن 9 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020- يىلى 07-ئاينىڭ08-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئىلىنغان. ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى (2020) 124-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئە**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
1. 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئەX بورتالا شەھەر غەربى دىيار مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى چىملىقتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** قاتارلىقلار بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچىش جەريانىدا جاۋاپكار ئە**، ئا**نىڭ تېلفۇن ئېكىران مەخپى نومۇرى ھەم ئۈندىدار قىزىل بولاق يوللاش مەخپى نومۇرىنى كۆرىۋالغان، تەخمىنەن سائەت 03لەر ئەتىراپىدا، ئا** ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ چىملىق ئۈستىدە ئۇخلاپ قالغان، جاۋاپكار ئە**، ئا**نىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاختىدىن پايدىلىنىپ، ئا**نىڭ يانچۇقىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك، سېزىمچان ئېكىران OPPO A8 ماركىلىق تېلفۇننى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان، ئاندىن چىندىل كوچىسىغا چىقىپ تاكسى توسۇپ دوستلۇق كوچىسىغا بېرىش جەريانىدا، جاۋاپكار ئە**، ئا**نىڭ تېلفۇنىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق تاكسى شوپۇرى تاڭ **نىڭ ئۈندىدار ئىككىلىك كود نومۇرنى سىكانىرلاپ، 10 سوم كىرا ھەققى يوللاپ بەرگەن، ئارقىدىن 210 سومنى ئوخشاش ئۇسسۇلدا تاكسى شوپۇرى تاڭ**گە يوللاپ بېرىپ، شوپۇر تاڭ**دىن 210 سوم نەق پۇل ئېلىپ، بورتالا شەھەر دوستلۇق يولى جۇڭتىيەن شىياڭپىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغان. بورتالا شەھەرلىك مال-باھا ئىدارىسى تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق ،ئوغۇرلانغان بىر دانە قارا رەڭلىك، سېزىمچان ئېكىران OPPO A8 ماركىلىق تېلفۇنىڭ باھاسىنى 840 يۈەن دەپ بېكىتكەن. ئوغۇرلانغان تېلفۇن قانۇنلۇق ھالدا زىيانلانغۇچى ئا**كە قايتۇرۇلغان.
2. 2020-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنى سائەت 11لەر ئەتىراپىدا جاۋاپكار ئە** ،سە**،با** قاتارلىقلار بىلەن بىللە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇ**نىڭ ئۆيىگە ھاراق ئىچكى بارغان، ھاراق ئىچىپ تەخمىنەن 19 لەر بولغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇ** مەس بولۇپ ئۇخلاپ قالغان، جاۋاپكار ئە** ، نۇ**نىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، نۇ**نىڭ گىلەم ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان بىر دانە سېرىق رەڭلىك، سېزىمچان ئېكىرانلىق، OPPO R9tm ماركىلىق تېلفۇنىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان. بورتالا شەھەرلىك مال-باھا ئىدارىسى تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق،بىر دانە سېرىق رەڭلىك، سېزىمچان ئېكىرانلىق،OPPO R9tm ماركىلىق تېلفۇننىڭ باھاسىنى 200 يۈەن دەپ بېكىتكەن. ئوغۇرلانغان تېلفۇن قانۇنلۇق ھالدا زىيانلانغۇچى نۇ**غا قايتۇرۇلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، باھالاش يەكۈنى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئە**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە ئوغۇرلۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ 1260يۈەن قىممىتىدىكى قانۇنلۇق مال- مۆلىكىگە زىيان سالغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65-ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋاپكار قولغا ئېلىنغان، ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا.
2) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论