欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尤某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

乌什县人民检察院

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕279号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020)  279 -نۇمۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

    جاۋابكار ي x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، تامچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ي xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دىلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار ي x 2019-يىلى11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 11:00ئەتىراپىدا تۇx بىلەن xيىزا بازار ئىچىدە ھاراق ئىچىپ سائەت  17:00 ئەتراپىدا شۇ ئەتراپقا توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق، نۇمۇر تاختىسى يوق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز مەست ھالدا ھەيدەپ x كوپراتىپىنىڭ غەرىپ تەرىپىگە كىلىپ موتسىكلىتىنى توختىىتپ تۇرۇشىغا شۇ يەردە چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

ئەدىليىلىك باھالاش پىكرىدە، ي xنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 115.01مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان. 

 جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ي xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە پىراۋىسىز ھالدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 2 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ

پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە،تېلفۇن نۇمۇرى: x

(3) جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top