欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某交通肇事案)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ئە چىقىش  (2020)   603 - نومۇرلۇق

پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار : نى**، ئەر، ئويغۇر-  19**يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: 65212219******2713، پىچان ناھىيە -3** ئەترەت 112- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسز ئۇتتۇرا مەكتەپ سەۋيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان،  قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،2019- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى پىچان ناھىيلىك  ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى  ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى پىچان ناھىيلىك  ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.

    پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار نى**نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتۇق.جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.

     مەھكىمىمىز قانون بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۈۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئىنىقلاپ چىقتى:  

       2019- يىلى  10- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 17 دىن  27 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار نى** 新**G18 نۇمۇرلۇق” ** “  ماركىلىق كىچىك تىپتىكى بولكىۋاي ماشىنىنى ھەيدەپ، غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە ** يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئوخشاش يۆلىنىشتە غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ مىڭىپ سولغا ئايلانغان لو **ڭ ھەيدىگەن ** ماركىلىق ** توكىسكىلىت بىلەن سوقۇلغان، نەتىجىدە ھادىستە توكىسكىلىت ھەيدىگەن لو ** قازالاپ، قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچراشتەك چوڭ قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن، ھادىسسە يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار نى** دوستى ئى**كە دىلو مەلۇش قىلىشنى ئىيىتقاندىن كىيىن ئى** دىلو مەلۇم قىلغان.

      پىچان ناھىيلىك ج خ ئىدارسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانسىنىڭ  (2019)80-نۇمۇرلۇق قانون دوختۇرنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا:”بۇ  ۋەقەدە قازا قىلغۇچى لو ** ئىغىر دەرىجىدىكى مىڭىسى يىپىقسىمان رەخمىلىنىپ ئۆلگەن “ دەپ يەكۈن چىقارغان.

    پىچان ناھىيلىك ج خ ئىدارسى قاتناش ساقچى چوڭ ئىترىتىنىڭ(2019) 190071–نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا:” بۇ ھادىسىدە ماشىنا ھەيدىگۈچى نى** ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئولىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆلگۈچى لو **  ھادىستە  قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ” دەپ يەكۈن چىقارغان.

    يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

   1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 5.نەق مەيدان سۈرەتلىرى؛6 .باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار.

  يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار نى**نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار نى** دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورۇتنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماي ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تۇلۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانون بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋاپكار نى**نى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تىگىشلىك. جاۋابكار نى** ھادىسسە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار نى**غا 1 يىلدىن 1 يىل 6 ئايغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش جازا تەكلىپىنى بىرىپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن: 

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2020-يىلى 10- ئاينىڭ13-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋاپكار نى** ھازىر پىچان ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. ئالاقىلىشىش نومۇرى:153**59187

2. دىلو ئارخىپى ج خ توپلىمى 2 توپلام، تەپتىش توپلىمى 1 توپلام،  ئەيىپنامە 10 نۇسخا بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۆۋىنامىسى» بىر پارچە،  جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق- تەلەپ ئەرىزنامىسى جەمئى 3 نۇسخا  دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top