欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某故意伤害案)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕780- نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ن، Xئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6529231984. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دىھقان، يۇرتى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە قولغا ئېلىنشىتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان،

قەستەن زەخمىلەندۈرۈش ( ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ) جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى4- ئاينىڭ 3- كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېىش قارا قىلىنغان.2020-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. مەھكىممىزنىڭ تەستىقى بىلەن شۇ يىلى5-ئاينىڭ 19-كۈنى قولغا ئېلىنغان .ھازىر كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕290-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار نXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش) جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى7– ئاينىڭ17-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2020-يىلى8-ئاينىڭ 17-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق،جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار نX 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 23:30 ئەتراپىدا، ئۆيىدىن چىقىپ بىر مەھەللىلىك ھX، ئېX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قوشنىسى ئەXنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھاراق ئىچكەن. ئەتىسى سەھەر سائەت 01:00 گىچە ھاراق ئىچىپ ئۆيىگە قايتىپ چىققان، ئۆيىگە كىرىپ ياتاق ئۆيىدە ئايالى بXنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ، ئايالىنى ئىزلەپ ھويلىسىغا چىقىپ، تاپالماي قايتىپ كىرىپ مىھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ قىيا ئوچۇق تۇرغانلىقى كۆرۈپ، مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ توك چىراقنى يېقىپ، ئايالى بX بىلەن زىيانلانغۇچى ياXانىڭ بىر يوتقاندا قۇچاقلىشىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدا ئايالى بXنى شاپىلاق بىلەن بىرنى ئۇرغاندىن كىيىن، كارىدور ئۆيدىن نوغۇچ (ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مىتىر ئەتراپىدا، دىئامىتىرى تەخمىنەن بەش سانتىمىتىر ئەتىراپىدىكى ياغاچ كالتەك) نى ئېلىپ كىرىپ ئايالىنىڭ بىلىكىگە ئىككىنى، بېشىغا ئىككى ئۇرغاندىن كىيىن، ئايالى قېچىپ چىقىپ كەتكەن. نX زىيانلانغۇچى يXنىڭ ئوڭ قول بىلىكىگە بىرنى ئورغان، ئارقىدىن غول قىسمىغا ئىككى-ئۈچنى ئۇرغاندىن كىيىن، چوڭ قىزى بX (10 ياش) نى توۋلاپ ئارغامچا ئەكىرىشكە بۇيرىغان. بX ھويلىغا چىقىپ بارماق چوڭلۇقىدىكى تەخمىنەن بەش-ئالتە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئارغامچىنى ئېلىپ كىرگەن. نX ئارغامچا بىلەن زىيانلانغۇچى يXنىڭ قولىنى باغلىغاندىن كىيىن ئالدىغا سېلىپ، قىيىنئاتىسى رXنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كىرگەن، قىيىنئاتىسى رX بىلەن قىيىنىئاكىسى ئەX ئۆيىدىن ھويلىغا چىققان، نX ئۇلارغا «ماۋۇ ئەرنى قىزلىرى بىلەن ئۆيدىن تۇتىۋالدىم، قىزلىرى قانداقكەن، بۇنىڭغا نىمە دەيمىز ئەمدى» دەپ، شۇ ھويلىدا بار بولغان شال (تەخمىنەن 50-60 سانتا ئۇزۇنلۇقتا، شاپىلاق كەڭلىكىدىكى ياغاچ) بىلەن زىيانلانغۇچى يXىڭ باش ۋە غول قىسمىغا داۋاملىق ئۇرغان. يX شۇ يەردىلا يېقىلىپ قالغان، كىيىن كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكلەر كىلىپ، زىيانلانغۇچى يXنى دەرھال شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان . يX جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 18:00 لەردە ئۆلۈپ كەتكەن.

كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە ،يX بىسسىز ئەسۋاپ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇلۇپ،باش قىسمى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكرى،ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار نXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە جىسمانى ساغلاملىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار نXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234- ماددا 2- تارماق،67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن :

   تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

       2020-يىلى9-ئاينىڭ2-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار نX ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق . 

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9نۇسخا ئەيىبنامە ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، ئالماشتۇرۇپ قاماش رەسمىيتى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى،قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top