欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某盗窃一案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

    كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

             ئەيىبلەشنامىسى

                                         ك  ش  ت  ج  ت  ئەيىبلەش  (2020)896-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار  نىxxxx، ئەر، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528232001xxxxxxx، ئۇيغۇر، سىياسى قىياپىتى : ئامما،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،نۇپۇسى ۋە تۇتۇلوشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلوق  ئورنى: شىنجاڭ xxx ناھىيسى xxx يولى xx-نۇمۇر جۇxxx ئولتۇراق رايونى x-بىنا x-كورپۇسxxx-نۇمۇر.كورلىدا مۇقۇم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق، xxxx-يىلىxx-ئاينىڭ xx-كۈنى xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇپ قويۇلغان،مەھكىمىمىز xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى قۇلغا ئېلىشىنى تەستىقلىغان ، شۇ كونى xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قۇلغا ئېلىشىنى ئىجرا قىلغان . ھازىرxx شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قاماقخانسىىدا قاماقلىق .

xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇدىلونى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، xxxzx-يىلى xx-ئاينىڭ x-كۈنى جاۋاپكارنىڭ ئوغورلوق قىلىش  جىنايىتى دىلوسىنى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز  2 تۇپلام دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 
  قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە :

  1 ) جاۋاپكار نىxxx xxxx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى سەھەر سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 03لەر ئەتراپىدا ،ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى راxxxنىڭ xxxا شەھىرى xxx-ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى xx-بىنا ئاستىدىكى «ئەلخۇمار تاللا دۇكىنى» نىڭ ئىشىكنى بۇزۇپ، دۇكان ئىچىدىكى  ئۈستەل ئۈستىدىكى  قەلەي قۇتىدىن  1300يۈەن نەق پولنى  ئوغۇرلاپ چىقىپ  خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .ئوغورلوق   سۇممىسى  1300يۈەن. 

2)جاۋاپكار نىxxxx xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى سەھەر سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 02لەر ئەتراپىدا ، ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى مxxxنىڭ xxx شەھىرى xxيولى «پاسول ئاياللار كىيىم-كېچەك »دۇكىننىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ ،دۇكاننىڭ ئىچىدىكى  كارۋاتقا يۇشۇرۇپ قۇيغان 300يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .ئوغورلوق  قىممىتى: 300يۈەن.

3) جاۋاپكار نىxxxx xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى كېچىدە ، ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى جاڭ xxنىڭ xxxشەھىرى xxxچوڭ يولىغا جايلاشقان شېنxxxئولتۇراق رايوندىكى «با شى شىيەن گو خۈي» مىۋە-چىۋە دۇكىننىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ، دۇكان ئىچىدىكى پۇل يىغىش تارىتمىغا سېلىپ قويغان 3400 يۈەن نەق پۇل، بىر قاپ 22يۈەن قىممىتىدىكى «شۆلىيەن»ماركىلىق تاماكىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ  ئوغۇرلىغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،تاماكىنى چىكىپ تۈگەتكەن.xxx شەھەرلىك مال-باھالاش ئىدارىسىنىڭ {2020} 077-نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە : بىر قاپ يۇمشاق قاپلىق شۆلىيەن ماركىلىق تاماكىنى18.86 يۈەن دەپ بېكىتتى،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن، ئوغورلوق  سۇممىسى3418.86يۈەن.  

4)جاۋاپكار نىxxxx xxxx-يىلىx-ئاينىڭ xx-كۈنى ، زىيانلانغۇچى ماxxxنىڭ xxشەھىرى xxx يولىغا جايلاشقان «شۇ شاڭجىياۋ شىنجاڭ ساماۋەر شورپىخانىسىxxتارماق دۇكىنى»دا ئىشلەش جەريانىدا،دۇكان ئىچىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىققەت قىلمىغان  پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،پۇل يىغىش تارتمىسىدىن 400يۈەن پۇلنى ئۇغۇرلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن، ئوغورلوق   سوممىسى400يۈەن. 

5) جاۋاپكار نىxxx xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 04لەردە، ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىپ ،پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى چىڭ xxxنىڭ xxxا شەھىرى xxx يولىغا جايلاشقان «چاۋ گې لې پولوخانىسى»نىڭ ئىشىكىنى  بۇزۇپ،  دۇكان ئىچىدىكى پۇل يىغىش تاتمىسى  ئىچىدىكى 600 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ  پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.ئوغورلوق سوممىسى600يۈەن.بەش قىتىملىق ئوغورلوق سوممىسى 6018.86يۈەن .

     جاۋاپكارنىڭ  يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ،زىيانكەچلىىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە ، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

    يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ تۇپلىنىشى قانۇنلوق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتىنى تۇلوق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ، جاۋاپكارلارمۇ ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرىدە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولوپ جازانى قۇبول قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار نىxxxقانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئىگەنلىۋېلىش  ۋاستىسنى قوللۇنۇپ، ئوزى يالغۇز بەش قىتىمدا ،باشقىلارنىڭ6018.86يۈەن يۈئەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى  ئوغۇرلىغان  مىقدارى كوپرەك قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 264 –ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولوپ ئوغورلوق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان بولوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ15-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ ، شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

                          كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە: 

                                  تەپتىش: خاسىيەت ئابدۇكىرىم    

                               2020-يىلى  10- ئاينىڭ 22-كۈنى    

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا . 

 (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ، 10 نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

  (3)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تىلىخىتىدىن بىر نۇسقا يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top