شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 777 - نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار جۈ،XXئەر، ئۇيغۇر، 48 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011972XXXXXXXX ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، ئاقسۇ شەھەر XXبازار XX- كەنىت XX- گۇرۇپ XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمغان. 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى (2020) 1167- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلىپ، جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 23:30 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار جۈXX ئاقسۇ شەھەر XXيېزا XX- كەنىتتە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالغان. ئەتسى چۈشلەردە جاۋاپكار جۈXX NFXXXX 新نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر XXيېزا بازار ئىچىگە كەلگەندە شۇيەردە چارلاش ۋەزىپىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋاپكار جۈXXنى ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قېنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، جاۋاپكار جۈXXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 294 مىللىگىرام بۇلۇپ (100ml/294mg) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 3958- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا « جۈXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 294 مىللىگىرام (100ml/294mg) » دەپ بىكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار جۈXX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، جاۋابكار جۈXX قىلمىشىنى ئەيىنەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار جۈXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 4 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 9000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئېرپان ھامۇت
تەپتىش : ئالىمجان ئېزىز
2020- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 1529232XXXX
(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论