若羌县人民检察院
起 诉 书
若检一部刑诉〔2020〕154号
被告人居某,男性,1989年4月20日出生,居民身份证号码:6528231989********,维吾尔族,初中,工作单位:农民,户籍所在地:新疆若羌县**镇**路**号,现住地:新疆若羌县新疆**镇**队**号。于2020年10月3因涉嫌危险驾驶罪,被若羌县公安局取保候审。
本案由若羌县公安局侦查终结,以被告人居某涉嫌危险驾驶罪,于2020年12月 14 日向本院移送起诉。本院受理后,已告知被告人有权委托辩护人,依法讯问了被告人,审查了全部案件材料。
经依法审查查明:
2020年9月10日23点被告人居某在自己家跟朋友们一起喝酒,2020年9月11日晚上2:30分居某因吃饭驾驶新**号,蓝色,豪爵牌普通两轮摩托车后面在库某,从房子出来行驶**路与**路交汇处到**路时执勤民勤当场抓获。新疆中信司法鉴定中心的检测结果显示其血液中乙醇含量为121mg/100ml。
认定上述事实的证据如下:
受理案件登记表,被告人供述,鉴定,书证,被告人身份证明等证据证实。被告人居某对指控的犯罪事实和证据没有异议,并自愿认罪认罚。
本院认为,被告人居某醉后驾驶机动车,其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第一百三十三条之一规定,犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以危险驾驶罪追究其刑事责任。鉴于被告人居某到案后积极协助调查,如实供述其犯罪事实,诉讼中自愿认罪认罚。根据《中华人民共和国刑法》第十五条规定,应当从宽处理。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条的规定,提起公诉,请依法判处。
此致
若羌人民法院
检察官:帕提古力·铁米尔
2020年12月17 日
چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
چ ت ج ئەيىپلەش (2020) 154–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار جۈ** ،ئەر،ئۇيغۇر ،1989 -يىلى 4-ئاينىڭ 20 -كۈنى تۇغۇلغان .كىملىك نۇمۇرى : ********6528231989 ، شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىن ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە, كەسپى :دېھقان ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيىسى** يېزىسى ** ئەترىتى **-نۇمۇر ؛ئىلگىرى جازالانمىغان . سياسى قىياپىتى :ئادەتتىكى ئامما؛ جىنايەت گۇماندارى جۈ** ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش دىلۇسىدا گۇمانلىق بولغانلىغى ئۇچۇن 2020 -يىلى 10- ئاينىڭ 3-كۇنى چاقىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دوستى يى**غا كىپىلىككە بىرىلگەن .جاۋاپكار جۈ** ھازىر سىرىتتا كىپىلدە .
چاقىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ج**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ2020-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى (2020)77-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان ، مەھكىمىمىز بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۇرۇش ، جاۋاپكارنى سۇراق قىلىش ،جاۋاپكارنىڭ ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇرۇش پىكىرىنى ئاڭلاش ، ھەمدە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئۇقتۇرۇش ،نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ، ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۇۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىشى تەكشۇرۇپ ئېنىقلاندى.
2020-يىلى 9-ئايىنىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 23 لەر بىلەن ،جاۋاپكار جۈ** ئۆزىنىڭ چاقىلىق ناھىيسى ** يېزىسى ** چارۋىچىلىق ئەترىتى 37- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە دوسلىرى بىلەن كىچىك ماۋتەي ماركىلىق ئاق ھاراقتىن بىر پوتۇلكا ئىچكەن ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11- كۈنى كەچ سائەت 2:30 ئۆتكەندىن كىيىن جۈ** تاماق يىيىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ كۆك رەڭلىك تاختا نۇمۇرى 新 MQ9348نۇمۇرلۇق خاۋجۆ ماركىىلق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ،كەينىگە قۇ**نى ئولتۇرغۇزۇپ ،** يۇلى بىلەن ** يۇلىنىڭ كىسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ** يولىغا كەلگەندە ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار تەرىپدىن تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك ماددى بۇيۇملارنى باھالاش دۇكلاتىدا : جۈ** نىڭ قان ئەۋرىشكىسىدە ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىۋىدە 121مىللىگىرام ئىسپىرىت ( ئالىكوگۈل ) بار دەپ باھالىغان .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى ئۇزى ئىقرار قىلغاندىن باشقا ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قۇبۇل قىلغان دىلولارنى تىزىملاش جەدىۋېلى،شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى ،جاۋاپكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ : جاۋاپكار جۈ** ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ –133 ماددا -1 تارمىقىدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكار جۈ** دىلوسى تەكشۇرلىۋاتقان مەزگىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تەكشۇرۇشكە ئاكتىپ ماسلاشقان ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان،شۇڭا » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى « نىڭ -15 ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ» . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى « نىڭ –176 ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار جۈ**نى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق ، قانۇن بۇيىچە جازا ھۇكۇم قىلىشىڭىزلارنى سۇرايمىز .
ھۆرمەت بىلەن : چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : پاتىگۇل تۇمۇر
2020– يىلى 12– ئاينىڭ 18– كۇنى
ئەسكەرتىش :
8پارچە ئەيىپلەشنامە ۋە بارلىق دىلو ماتىرىياللىرى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论