شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 59-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار جXX، ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، كىملىك نومۇرى XXXXXXXX6529011985، يۇرتى XX شەھەر، توختىتىپ قويۇلۇشتىن بۇرۇن XX شەھەر XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۇنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ ئۆلۈشكە سەۋەپ بۇلۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيۇنچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قولغا ئېلىنغان .
XX شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،(2018)475-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار جXX 2013-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 15:00 ئەتراپىدا XX شەھەر XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپتىكى ئۆيىدە ئايالى گXX(گXX)بىلەن بالىنى بېقىش-بەزلەش توغرىسىدا گەپ تالىشىپ ئۆز ئارا ئۇرشۇپ قالغان. زىيانلانغۇچى گXX جاۋاپكار جXXنى ئەپسانە گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. جاۋاپكار جXXنىڭ ئاچچىقى كىلىپ زىيانلانغۇچى گXXنى قورقۇتۇپ، چۈچۈتۈپ قۇيۇش مەقسىتىدە ئۆيدىكى ئوچاق بېشىغا قۇيۇپ قويغان 40 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ دەستىلىك قىڭراقنى ئېلىپ زىيانلانغۇچى گXXنىڭ ئوڭ پۇت يوتىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا 10 سانتىمىتىر ئەتراپىدا تىقىۋېتىپ زىيانلانغۇچى گXXنىڭ قانسىراپ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار جXXىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نXX
مۇۋەققەت تەپتىش : دXX
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ،ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە ئىككى توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论