شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2020) 455-نومۇرلۇق
جاۋابكار جxx، ئەر، xx19-يىلى -xئاينىڭ -xكۈنى، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx 65292419 ئويغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىتx-گۇرۇپ x-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوغرىلىق جىنايتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىمىغان. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار جxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3–ئاينىڭ 10-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 388-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار ج-2018 xيىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 12:00 لەر ئەتىراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت x- گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ قوتىنىغا كىرىپ، قوتاندىن 1650 يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ تۇياق ئوغلاق ۋە بىر تۇياق پاقلاننى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار جx 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە xx يېزا xx كەنت x-گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ قوتىنىغا كىرىپ، قوتاندىن 1200 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق ئۆچكىنى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ج2018- x يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، شايار تۈرمىسى- xرايون تەۋەسىدىكى زىيانلانغۇچى گو xxنىڭ xx تۈرلۈك ماللار دۇكىنغا بېرىپ، دۇكاننىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، دۇكاننىڭ دەرىزىنى چېقىپ ئىچگە كىرىپ، دۇكان ئىچىدىن 363 يۈەن قىممتدىكى تاماكا ھاراق ۋە 40 يۈەن نەق پۇلىنى ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار جxنىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 70-ماددا، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار جxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论