欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(巴某危险驾驶案认罪认罚)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                       ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 182-نومۇرلۇق     

     جاۋاپكار با**، ئەر ،  ئۇيغۇر، 1995-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530221995، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،سىياسى قىياپىتى:ئامما،ئىلگىرى جازالانمىغان.

 نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە ** يولى **-كەنت **-مەھەللە بارىن يولى***-نۇمۇر.           

   جاۋاپكار با** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2020-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 12-ئاينىڭ7-كۈنى جاۋاپكار با**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبول قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش »تۈزۈمىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا «تېز ھۆكۈم چىقىرىش» تەرتىپىنى قوللاندۇق.

  تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە : 

2020-يىلى7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 01:40 لەردە جاۋاپكار با** مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ،新PA6247نۇمۇرلۇق قىزىل رەڭلىك،«خاۋجۆ» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتنى ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا قوغۇنچى ئامبارنىڭ قىشىدىن ئاقتۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت 5-كەنتكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ،ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا قوغۇنچى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگىچە خەتەرلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بارىن يېزا ساقچىخانىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،با**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

   شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)3654-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە، با**نىڭ 100مىللىلىتىر قېنى تەركىۋىدە 171مىللىگىرام {171mg/100ml }ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

     يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ يازما ئسپات

1-​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى

1-​ باھالاش پىكىرى

    4-  نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىز : جاۋاپكار با**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى «تېز ھۆكۈم چىقىرىش » تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى،قوشۇمچە 4000يۈەن شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز . 

ھۆرمەت بىلەن :

                   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق

                   سوت مەھكىمسگە: 

                                تەپتىش  : نۇرىمان تۇرسۇن

                                تەپتىش ياردەمچىسى  :دىلشات ھاكىم

                                     2020 يىلى  12- ئاينىڭ 10-كۈنى

   ئىزاھات: 

1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە. 

2 –جاۋاپكار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى.

3-«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »، ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ  دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top