欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(巴某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                     

                ئۈ ت ت 2-بۆلۈم ج ئە2020105–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ب**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6530211984، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، شىنجاڭ ** شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ ** شەھىرى ** يىزىسى ** كەنتى ** يولى **-نومۇر. دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولى **-كوچا **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇر. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ب**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 9-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلونى ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 2:40 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ب** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، تاختا نۇمۇرى ***61新A بولغان** ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** كوچىسىدىن ھەيدەپ، ** رايۇنى ** كوچىسىغا كەلگەندە، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. نەق مەيداندا جاۋابكار ب**گە نەپەس پۈۋلىتىپ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ۋە قانۇن بويىچە قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، ب**نىڭ قېنى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ mg/100ml165 ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ب**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، پىراۋا ئۇچۇر ئىسپاتى، جاۋابكار ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى، نەپەس ئارقىلىق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئۆلچەش سىنىقى خاتىرىسى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش جەريانىنى تىزىملاش جەدىۋىلى، ئەدلىيىلىك باھالاشقا يوللاش ھاۋالىنامىسى، نەق مەيدان سۆرەتلىرى قاتارلىقلار؛

2. جاۋابكار ب**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

3. باھالاش پىكرى: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكرى؛

4. ئۈن-سىن ماتىرىيالى: جاۋابكار مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن يول بۆلىكىنىڭ تىلكامىرا خاتىرىسى، تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ ماس قەدەملىك ئۈن-سىن خاتىرىسى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ب**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى، جىنايەت نامى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ب**نىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھالدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133–ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

     تەپتىش: پەرھات ئەركىن 

                              تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن

2020–يىلى 11–ئاينىڭ 27–كۈنى

ئىلاۋە:

1. جاۋابكار ب** بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى: ********132؛

2. مەھكىمىمىزنىڭ سەككىز نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى ئىككى توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا، جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن ئىككى نۇسخا، تىيانشان رايۇنلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ قايتۇرما ئالاقىسىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top