خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى ئەيىپلەش (2020) 44 -نومۇرلۇق
جاۋابكارب**،ئەر،قازاق،1985-يىلى**–ئاينىڭ**–كۇنى تۇغۇلغان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت**-گۇرۇپپا **-نۇمۇر ،كىمىلىك نۇمۇرى : 6541251985*******،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،كەسپى:چارۋىچى،2019-يىلى9-ئاينىڭ5-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان ، 2019-يىلى09-ئاينىڭ18-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى غەربى كۇچا **-نۇمۇر، ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
جاۋابكارب**2011-يىلى10-ئاينىڭ26-كۈنى كۈنەس ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ،جاۋابكار كىپىلگە بىرىلگەن مەزگىلدە يەنەن ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن 2012-يىلى4-ئاينىڭ6-كۈنى كۈنەس ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرىپدىن مۇددەتلىك ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ ،قۇشۇمچە 5000يۈەن شىتىراف قۇيۇلغان،ئالدىنقى جازادىن ئۈتەپ بولالمىغان بىر يىل ئالتە ئاي ،3000يۈەن شىتىراف قۇشۇلۇپ ،بەش يىلللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ،قۇشۇمچە 8000مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇلغان، 2016-يىلى10-ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن،
جاۋابكارب**2017-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى كۈنەس ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئون ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاس بىرىلىپ 1500يۈەن شىتىراف قۇيۇلغان،2018-يىلى4-ئاينىڭ27-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن .
جاۋابكار ب**نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى 11-ئاينىڭ15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىللىرىگەئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.مەزكۇر دىلونىڭ ئەيىپلەش سۈرىكى ئۈچ قېتىم ئۇزارتىلدى،دىلو ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى،جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئوقتۇرۇلدى،دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكارمەزكۇر دىلودا ئادەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۇرۇلۇپ،جىنايى پاكىتى توۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكارب** 2019-يىلى08-ئاينىڭ23-كۈنى ** ناھىيە ** بازىرى چارۋىچىلىق يايلىقىدا مال بېقىش جەريانىدا شۇ يايلاقتا ئوتلاۋاتقان باشقىلارنىڭ 13تۇياق ئېتىنى كۈرۈپ قېلىپ بۇ ئاتلارنى ئوغۇرلاپ باشقىلارغا سېتىپ پۇلىنى خەجلەش مەقسىتىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز بۇ 13تۇياق ئاتنىڭ ئىچىدىن ئىككى تۇياق ئاتنى تۇتۇپ ئوغۇرلاپ چىققان ، كىيىن بۇ ئاتلارنى ** ناھىيە ** بازىرىدا ساتسا ئۆزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئوغۇرلۇق قىلغان كۈنى كىچىچە ئۆزى يالغۇز ئاتنى يۆتكەپ مېڭىپ 2019-يىلى8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوغۇرلىغان ئىككى تۇياق ئاتنى **ناھىيىسىنىڭ ** بازىرى ** دەريا بۇيىغا ئېلىپ بېرىپ ،بىر دانە ئاتنى شۇ دەريا بۇيىدا سۇيۇپ،گۆشىنى نارات بازىرىدا باشقىلارغا ھەر بىر كىلو گىرامىنى 40يۈەندىن جەمئىي 8800يۈەن(بۇنىڭ ئىچىدە نەق ئالغان پۇلى 3700يۈەن،قالغان4100يۈەن پۇلى نىسى)گە سېتىپ گۆش ساتقان پۇللارنى ئۆزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن، يەنە بىر تۇياق ئاتنى ** ناھىيە ** بازىرىدا باشقىلار بىلەن سودىلىشىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كىيىن ساقچىلار بۇ بىر تۇياق ئاتنى جاۋابكار ب**نىڭ قۇلىدىن قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قېلىپ زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇپ بەرگەن.جاۋابكار دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان .
خېجىڭ ناھىيلىك مال-باھا ئىدارىسىنىڭ 062--2019نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاشنامىسىدە دىلوغا چېتىشلىق بولغان ئىككى دانە ئاتنى 18000مىڭ دەپ باھالىغان .
يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش ماتىرىيالى ،خېجىڭ ناھىيلىك مال-باھا ئىدارىسىنىڭ دىلوغا چتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، جىنايىتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ب** قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ 18000(ئون سەككىز مىڭ )يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغورلىغان ،ئوغۇرلۇق قىممىتى بىر قەدەر كۆپ،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 264-ماددسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.
جاۋابكار ب** 2017-يىلى10-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈنەس ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن ئون ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇلۇپ،جاۋابكار جازا مۇددىتى تۇشۇپ بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى جازا بىرىلىدىغان جىنايەتنى قەستەن سادىر قىلغان،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ،تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بىرىلىدۇ.
شۇڭا جاۋابكار ب**ننى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى
2020-يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى
قوشۇمچە:
1)جاۋابكار ب** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2)ج خ ئارخىپى بىر توپلام .
3)ئەيىپنامە8نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى بىر پارچە
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论