ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)115–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مۇھارەم ئابدۇرىھىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021989، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **-نۇمۇر. ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى:ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى ** كوچىسى**-نۇمۇر**-بىنا**-كورپۇس- **ئۆي. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەن. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 7ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەن. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بېرىلىپ 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەن. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگۇ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 9ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددىتى توشوپ قويۇپ بىرىلگەن. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامىۋىي قاتناش ج خ شۆبىسى تەرىپىدىن 15 كۈن مەمۇري جەھەتتىن توختۇتۇلۇپ 2 يىل مەجبۇري زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن.بۇ قېتىم زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 23-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مۇھارەم ئابدۇرىھىمنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 21-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
دىلونى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مۇھارەم ئابدۇرىھىم 2019--يىلى12-ئاينىڭ 21- كۈنى تاڭ سەھەر بىيىجىڭ ۋاقتى 1لەردە ** شەھەر ** رايونى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە باشقىلارغا2بولاق ناتاشانى300 يۈەنگەسېتىپ نەق مەيدانداج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆيىنى ئاختۇرۇپ 6 بولاق سىرىق تازلىق قەغىزىگە ئورالغان يىشىل رەڭلىك موخوركىسىمان بۇيۇم ۋە بىر دانە قارا خالتىغا قاچىلانغان يىشىل رەڭلىك موخۇركىسىمان بۇيۇم قولغا چۈشۈرۈلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى(2019)310-نومۇرلۇق باھالاشنامە ئارقىلىق بۇ دېلودا قولغا چۈشكەن باشقىلارغا ساتقان ئىككى بولاق يىشىل رەڭلىك پارچە ياپىراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ 1-بولىقى زەھەرلىك چىكىملىك (5F-ADB)ناتاشا تەركىۋى بولۇپ، ئېغىرلىقى 0.739گىرام دەپ،2-بولىقى زەھەرلىك چىكىملىك (5F-ADB) بولۇپ ناتاشا تەركىۋى يوق بولۇپ ئېغىرلىقى 0.706گىرام جەمئى 1.445گىرام دەپ باھالىغان.
ئۆيىدىن چىققان 6بولاق پارچە ياپىراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم زەھەرلىك چىكىملىك تەركىۋىدە (5F-ADB) ناتاشا تەركىۋى بولۇپ ئېغىرلىقى 5.117گىرام دەپ باھالىغان. ئۆيىدىن چىققان قارا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان يىشىل رەڭلىك پارچە ياپىراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم زەھەرلىك چىكىملىك تەركىۋىدىن (5F-ADB) ناتاشا تەركىۋى يوق بولۇپ ئىغىرلىقى 83.74 گىرام بولۇپ باھالاپ بىكىتكەن.
جاۋابكار مۇھارەم ئابدۇرىھىم 2019-يىلى 12-ئاينىڭ21-كۈنى ** شەھەر ** رايونى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدىن تىيانشان جىنايى ئىشلار ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكارمۇھارەم ئابدۇرىھىمنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى شى**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار مۇھارەم ئابدۇرىھىمنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مۇھارەم ئابدۇرىھىمنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكارغا ئىلگىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ65-ماددىسىنى تەدبىقلاپ جازا بېرىش لازىم. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 7–ئاينىڭ 1-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论