欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(布某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020) 385-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار ب**،ئايال، ئۇيغۇر،**ياش،****ـ يىلى **ـ ئاينىڭ **ـ كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى652925******2841:،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ت** ناھىيە ئۆ** يېزا ت** كەنت **ـ گۇرۇپ **ـ كوچا **ـ نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان.2020-يىل 10ـ ئاينىڭ 5-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 

جاۋاپكار  ب**نىڭ ئوغورلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ(2021)21-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدۇق: 

1.جاۋابكار ب** 2020ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 18ـ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 لاردا توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق بازار ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپى بانكىسنىڭ ئالدىدا دوستىنى ساقلاپ تۇرغاندا تاشئېرىق بازار ئاتبېشدۆڭ كەنىت2-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ئې** ئۆزىنىڭ ئامانەت قەرىز كوپراتىۋىنىڭ كارتا نومۇرى6212872057251418: بولغان كارتىسدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن تاشېرىق بازار ئامانەت قەرىز كوپراتىۋى بانكىسنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشنى بىلمىگەچكە،بانكا ئالدىدا تۇرغان ب**كە ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدىن 1000يۈەن پۇل ئېلىپ بېرىشنى دەپ كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرنى ب**كە دەپ بېرىپ كارتىنى بەرگەن،ب** ئې**نىڭ بانكا كارتىسىدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن كارتىنى سېلىپ كارتىدىكى 41314يۈەن پۇلنى كۆرۈپ ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىگە كىلىپ،كارتىدىن1000يۈەن پۇلنى ئېلىپ ئې**غا بەرگەن،ھەم ئې**نىڭ بانكا كارتىسنى تىقىۋېلىپ،ئۆزىنىڭ قولدىكى يولدىشى ر** نامىدىكى ئامانەت قەرىز كوپراتىۋىنىڭ بانكا كارتىسىنى ئې**غا بەرگەن، ئې** ر** نامىدىكى پۇل يوق كارتىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن،ب** تاشېرىق بازار ئامانەت قەرىز كوپراتىۋى بانكىسغا قايتىپ كىرىپ ئۆزى ئالماشتۇرۋالغان ئې**نىڭ بانكا كارتىسىدىن ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق 8 قېتىمدا16000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن،ب** 2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 19ـ كۈنى توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازار ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپى بانكىسنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقلىق يۇقارقى بانكا كارتىسىدىن ئىككى قېتىمدا جەمىي8000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن،  2020ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنى يۇقارقى بانكا كارتىسدىن يۇلتۇزباغ بازار ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپى بانكىسنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقلىق بىر قېتىمدا 5000يۈەن پۇل ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. 2020ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 22ـ كۈنى سائەت 16:00 لەر يۇقارقى كارتىدىن يۇلتۇزباغ بازارلىق ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئىككى قېتىمدا 10000يۈەن پۇل ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، 2020ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 27ـ كۈنى سائەت 12:00 لەر ئەتراپىدا يۇقارقى كارتىدىن يۇلتۇزباغ بازارلىق ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقلىق ئىككى قېتىمدا 1100يۈەن پۇلنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.

2.جاۋابكار ب** 2020ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ باشلىرىدا توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازىرى خۇڭيۇەن ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يېنىدىكى زىيانلانغۇچى ن**نىڭ كۆكتات دۇكىنىغا كىرىپ ن** دۇكاننىڭ سەي تىزىيدىغان جازىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان چاپاننىڭ يانچۇقدىكى تۇلۇقلىما پۇل چۈشىدىغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسى ۋە قەغەزگە يېزىلغان مەخپى نۇمۇرنى كۆرۈپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ن**نىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ن**نىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا كارتىسىنى ئوغۇرلاپ،  2020ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى ب** يۇلتۇزباغ بازار ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىۋى بانكىسنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقلىق  1000يۈەن پۇلىنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.

   ئۇمۇلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا:جاۋابكار ب**زىيانلانغۇچنىڭ جەمئى 41100يۈەن پۇلىسنى ئوغۇرلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندا نى**نىڭ 1000يۈەن،ئې**نىڭ 6000يۈەن بۇلۇپ جەمئىي 7000يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن،باشقا زىيانلار ئەسلىگە كەلمىگەن.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۈن سىن ماتىريالى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. 

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ب**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغورلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ.جاۋاپكار ب**كە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا،67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكار ب**كە مۇددەتلىك 2 يىل6ئايلىق قاماق جازاسى، 5000 يۇەن شىتراپ قۇيۇش جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                              

                                   تەپتىش : ئۆمەر قادىر

                                    تەپتىش: مارىگۈل

                               

                         2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى

قۇشۇمچە : 1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، 2 تۇپلام دېلو ئارخىپى، 4 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top