欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(布某某,吐尔洪·吐尔逊,阿迪力·阿吉盗窃案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 237–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار بو** ، ئەر،  1987-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى  ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501031987، ئۇيغۇر، تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپ مەلۇماتلىق، ئىشسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادېرسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى** يولى**-كوچا **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نۇمۇر، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** يولى ** مەيدانى **ئىدارىسى ئائىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە 6 ئاي مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە 2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. بۇ قىتم  ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن، ئەر، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501031990،  ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، ئىشسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادېرسى:ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان ** يولى** مەيدانى **گۈللىكى ئائىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە 2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن، 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش جامائەت خەۋىپسىزلىكى شۆبىسى تەرىپىدىن تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە 2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە  2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن.  بۇ قىتم  ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

جاۋابكار ئادىل ھاجى، ئەر، 1987-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021987، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، ئىشسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** يولى **-كوچا **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نۇمۇر،ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى * * يولى** ئائىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.2016-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى، تارتىۋىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە 2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە 2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان ۋە  2 يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن.  بۇ قىتم  ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلارنىڭ  ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 11-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 2020-يىلى11-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 20:00 لەردە،  جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلار ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى غالىبىيەت يولى ئاقساراي مىھمانخانسىنىڭ ئەتراپىدا بىرلىشىپ ئوغرىلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دى**نىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان ھەمدە  غالىبىيەت يولى كونسۇل كوچىسىغا جايلاشقان ئارمان تاللا بازىرىنىڭ كېرىش ئىشكىگە كەلگەندە، جاۋابكار بو** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ چاپىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ يانچۇقىدىن بىر دانە 2560 يۈەن قىممىتىدىكى ئاق رەڭلىك ،64 جىلىق ئالما X تېلفۇننى تۇيدۇرماي ئېلىۋالغان، بۇ جەرياندا جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلار ئەتراپنى كۈزىتىپ ئادەمگە قاراپ بەرگەن. جاۋابكارلار يۇقارقى تىلفۇننى سېتىپ پۇلىنى بىرلىكتە خەجلەپ تۈگەتكەن. ئىشتىن كىيىن دېلوغا چېتىشلىق تىلفۇن سېتىۋالغۇچىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان. 

جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلار 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دى**نىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. گۇۋاھچى ئادىل ھاجىنىڭ گۇۋاھلىقى.

4. جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. مال باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكارلارنىڭ ئىلگىرى جازالانغانلىق ھۆكۈمنامىسى، مەمۇرى جازا قارانامىسى، دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تىزىملىكى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار بو**، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلارنىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلىكىنى بىرلىشىپ، يۆشۈرۈن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارلار ئوغرىلىق قىلمىشىنى بىرلىشىپ سادىر قىلغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 25- ماددىسىدىكى بەلگىلمىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كىرەك. جاۋابكار تۇرغۇن تۇرسۇن، ئادىل ھاجىلار ئىلگىرى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئېچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-ماددىسى بويىچە ئېغىر جازا بېرىش كىرەك. جاۋابكارلار ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                                        تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                        تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت 

2020–يىلى 12–ئاينىڭ 23–كۈنى

ئەسكەرتىش:

   1.جاۋابكار بو** (ئالاقىلىشىش نۇمىرى:****** 13999)، تۇرغۇن تۇرسۇن (ئالاقىلىشىش نۇمىرى: ******13999) ، ئادىل ھاجى (ئالاقىلىشىش نۇمىرى: ******13079) ھازىر  ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

   2. 18 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى 2 توپلام بىرگە يوللاندى؛

   3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن ئۈچ نۇسخا بىرگە يوللاندى؛

   4. جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى ئۈچ نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top