欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(希某某涉嫌盗窃罪一案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ  ئۇيغۇر  ئاپتونوم  رايونى  ئۈرۈمچى  شەھىرى  

يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  

ئەيىبنامىسى

 2020-ئۈ ش ي ت 1-بۆلۈم ج ئە 67 -نومۇرلۇق

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار شې**، ئايال، 1995-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى: ********6531251995، ساۋاتسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ** ناھىيە ** بازىرى **كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇر، ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-زال **-نومۇر، ئىشسىز.

   جاۋابكار شې** ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بەش ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتىراف قويۇلغان.

   جاۋابكار شې** ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 2019- يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 9 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قويۇلغان.

   جاۋابكار شې**** 2019-يىلى12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار شې****نىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

   دېلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە مۇقىملاشتۇردۇق:

   جاۋابكار شې**، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرى **رايونى **كوچىدىكى ** تاللا بازىرىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇاڭ **نىڭ چاپان يانچۇقىدىن بىر دانە شىياۋمى ماركىلىق يانفوننى ئوغرىلىۋالغان. (ئوغرىلانغان بۇيۇمنىڭ باھاسى 1943 يۈەن دەپ باھالانغان)

   دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار شې** ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

   يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

   1. يازما ئىسپات:تۇتۇش جەريانى، ياش ئىسپاتى،دېلوغا ئائىت سوت ھۆكۈمى؛

   2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

   3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

   4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

   5. دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى؛

   6.  نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشى. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار شې**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي باشقىلارنىڭ مال–مۈلكىنى ئوغرىلىغان يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، جاۋابكارغا ئوغرىلىق جىنايىتى بېكىتىپ قانۇن بويىچە جازا بېرىش كېرەك .

جاۋابكار شې** قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

جاۋابكار شې**نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى«  نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار شې**نى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى «نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىشىگە ئەيىبلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

تەپتىش: ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان

                        كاتىپ: زۇلخۇمار كامال

2020–يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى

قوشۇمچە:

1. 9 پارچە ئەيىبنامە، ئىككى توپلام ج خ دېلوسى بىرگە قوشۇپ يوللاندى. 

2. جاۋابكار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش خېتى بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top