شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش 2-بۆلۈم چىقىش (2020) 309-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار شXX، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXXXX0036، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرى XXئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ساۋاتسىز، 2013-يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018-يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى (2020) 663-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى.مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ،جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1.2020-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە جاۋابكار شXX ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، -XXقەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەت، XX-قەۋەتتىكى يەر ئاستىدىن ئىسىيدىغان پار قۇرۇلمىسىنىڭ تۆت تۆشۈكلۈك سۇ بۆلىنىدىغان تۆمۈر نەيچىسىدىن جەمئى 70 تال، 5203.8 يۈەن قىممىتىدىكى نەيچىنى ئوغۇرلاپ سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
2.2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 3 لەر بىلەن جاۋابكار شXX ئاقسۇ شەھەر XXئازادلىق يولى XXمەيدانى قۇرلۇش مەيدانىغا بېرىپ، قۇرلۇش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان زىيانلانغۇچى فەنXXنىڭ 240 يۈەن قىممىتىدىكىXXماركىلىق ۋېلىسپىتى ۋە 600 يۈەن قىممىتىدىكى XXماركىلىق ئىككى دانە ئاكۇمىياتۇرنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگەن كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار شXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا ،65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش:تXX
تەپتىش:ئاXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论