欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(帕某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2021〕49号 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبنامە (2021) 49-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار پەxxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xxxxx652927، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار پەxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار پەxx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 23:30 ئەتىراپىدا 乌-BFxxx乌  نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى پىراۋىسىز مەست ھالەتتە ھەيدەپ، ئۈچتۇرپان ناھىيە xx يېزاxx-كەنىت xx-مەھەللە تەۋەسىدە غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، موتسىكىلىتنى كونتىرول قىلالماي قارشى تەرەپتىن مەxx ھەيدەپ كىلىۋاتقان新N xxx  نۇمۇرلۇق ئاپتۇموبىل بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، موتسىكىلىتنى داۋاملىق ھەيدەپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن موتسىكىلىتنى كونتىرول قىلالماي يىقىلىپ كەتكەن، ھادىسىدىن كېيىن مەxxكە 1000 يۈەن تۆلەپ بېرىپ، كېلىشكەن. 

ئەدىليىلىك باھالاش پىكرىدە، پەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 94.65 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن. 

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، پەxx ھادىسىدە تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەxx مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ، دەپ بىلىتكەن. 

جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار پەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە موتسىكىلىت ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار جىنايەت سادىر قىلغاندا قۇرامىغا يەتمىگەن، جاۋابكارغا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنى، 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، جاۋابكارنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسى يوقلىقى، ھادىسە سادىر قىلغانلىقى، جىنايەت سادىر قىلغاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپنى نەزەرگە ئېلىپ، جاۋابكارغا 1 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 3 مىڭ يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

  تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ 

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى 

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرىxxx 132.   

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top