شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش
مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى
چ ت ئە (2020) 57 -نومۇرلۇق
چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار پە***، ئەر، ئۇيغۇر، 1987- يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، (كىملىك نۇمۇرى: ********6528251987)، كەسپى تىجارەتچى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋېيىسىگە ئىگە، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھيىسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى چەرچەن ناھىيە****يولى***- نومۇر، كىپىلگە بىرىشتىن ئىلگىرى چەرچەن ناھىيە چەرچەن گۈلزارلىقى ***-بىنا **- كۇرپۇس ***- نومۇرلۇق ئۆي. 2007– يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن چەرچەن ناھىيلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلپ، جازاسى 1 يىل كېچىكتۇرۇلگەن، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ5- كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن.
چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار پە***نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5– كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن››جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن‹‹نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن،بىجىرىشكە تىگىشلىك قانۇن ھوججەتلەرنى بىجىردۇق، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى،دېلۇ بېجىرگۈچىلەر جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ھەمدە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار پەرھات ۋەلى دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار پە***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
جاۋاپكار پە*** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 02-كۇنى كېچە سائەت 01:40 دە، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئوزىنىڭ ****新MG نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنسىنى ھەيدەپ،چەرچەن ناھىيە غەربىي ئايلانما يولى بىلەن ماڭيا-يەكەن يولى كېسىشكەن يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بولەكتە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى كادىر- ساقچىلىرى تەرىپىدىن ****新MG نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]9159-نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:« جاۋاپكار پە****نىڭ ھەر 100 مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 210 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار » دەپ ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈنى چىقارغان
جاۋاپكار پە***نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئۆزىمۇ ئىقرار.
يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :
دېلودىكى ‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]9159- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تۇتۇلۇش سۇرئىتى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە
جاۋاپكار پە*** نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« نىڭ 133-ماددىسىنىڭ -1تارمىغىدىكى بەلگىلمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق،جاۋاپكار ئوزىمۇ ئىقرار. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى « نىڭ -15 ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار پە*** گە 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى « نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.
تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت
-2020 يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئەسكەرتىش :
1.جاۋاپكار پە*** ئائىلىسدە كېپىلدە.
2.ئەيىپنامە 8 نۇسقا.
3. »جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئۇقتۇرىشى « ۋە» جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى « بىر نۇسقا.
4.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام بىرگە
يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论