欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(帕某某盗窃案)

2021-09-20 独角龙 评论0

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى

                                            

                                             ئى ر ت 1-ب ئە  (2021) 8  - نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

       جاۋاپكار پ، XXئەر، ئۇيغۇر،6519-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: 6521011965********،نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى ** رايۇنى** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپا **- نۇمۇرلۇق ئۆي، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە. 

  ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار پXXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن جازالاش تۈزۈمىنى قوللۇنۇپ كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە : 

 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 13لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار  پXX  زىيانلانغۇچى پXXنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،پXX  بىلەن  ئىككى سائەتلەر ئەتراپىدا پاراڭلاشقاندىن كىيىن، پXXگە تېلفۇن كىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، پXXنىڭ   ياستۇقىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن جابدۇقلارنى سالغان كىچىك قاپنى كۆرۈپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، كىچىك قاپنىڭ ئىچىدىكى بىرجۈپ 10.26 گىراملىق 3454 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن ئۈزۈك، بىر جۈپ 24.07 گىراملىق 8102 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن بىلەيزۈك، بىر جۈپ 5.69 گىراملىق 1915 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن ھالقا ۋە بىر تال 10.74 گىراملىق 3615 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زەنجىرلەرنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زاڭ ماللار يىغىۋېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. 

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :

يازما ئىسپاتلار؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛  نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۆرىتى ۋە خەرىتىسى؛ نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرسى ، مال باھالاش يەكۈنى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بۇلۇپ، ئاساسلىنىشقا بۇلدۇ، ئەيىبلەنگەن جىنايى قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار پXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ 17086 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا جاۋابكار پXXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                            تەپتىش : پاتىگۈل خالىق

                        2021- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى

قوشۇمچە:

1. جاۋابكار پXX كېپىلدە. 

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىپى ئىككى توپلام، تەپتىش ئارخپى بىر توپلام، ئەيىبنامىسى  16 نۇسخا، 4 دانە دېسكا قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top