شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ج ئى ئە چ [2019] يىللىق : 374- نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار پxx، ئەر، 1979- يىلى **- ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6541231979********، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرېسى: شىنجاڭ قورغاس ناھىيىسى ** بازىرى ** كوچا **-كوچا **-نومۇر. 2019-يىلى 4- ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغرىلىق جىىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، ئەتىسى ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكار پxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايى دېلوسىنى 2019 - يىلى 4 – ئاينىڭ 29– كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانوندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار پxx 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 7:00 لەر ئەتراپىدا، شېرىكى مxx (ئەيىبلىنىپ بولغان) بىلەن بىرگە شەھىرىمىزنىڭ سايباغ رايۇنى ** يولى ** دوختۇرخانىسىنىڭ جەنۇبى ئىشىكى ئەتراپىدا، يولدا كېتىۋاتقان زىيانغا ئۇچرىغۇچى چىيۇxxنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ سول تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن مxx بىر دانە 2832 يۈەن قىممىتىدىكى ئالما 6 ماركىلىق تېلفۇنىنى ئوغرىلىغان، جاۋابكار پ** ئادەمگە قاراپ بەرگەن بولۇپ، كېيىن جاۋابكارلار ئوغرىلىغان تېلىفوننى باشقىلارغا سېتىپ پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) زىيانغا ئۇچرىغۇچى چىيۇxxنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
(2) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپات ؛
(3) گۇۋاچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(4) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛
(5) ئۈن- سىن ماتىريالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار پxxنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانونسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، بىرلىشىپ يانچۇقچىلىق ۋاستىسىنى قوللىنىپ باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئوغرىلاپ ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلغان قانۇنسىز قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانون بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: گۈلباھار ئابدۇرشىت
تەپتىش ياردەمچىسى: فەرۇق پەخرىدىن
2019- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(2) تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبناىسى، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، 3 دانە سىن دېسكىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论