تۇرپان شەھىرى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 426 - نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار پ،XX ئەر، ئۇيغۇر،1989-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******6521011989**، تۇرپان شەھىرى ** رايۇنى ** بازار ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2009-يىلى 12-ئاينىڭ4-كۈنى ئەسلىدىكى تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازاسى بىر كېچىكتۈرۈلگەن. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پXXنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىىلمىسىنى قوللۇنۇپ كىلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، جاۋاپكار پXX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، دىلونى تەكشۈرۈش سۈرۈكىنى بىر قېتىم ئۇزارتىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ دىلونى سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
2017-يىلى 5-ئايدىن 2018-يىلى 5-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا، جاۋاپكار پXX زىيانلانغۇچى ئۆXXنىڭ ماتورىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن 15000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچىنىڭ بارلىق زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :
1.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛2.زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى ۋە بايانى؛3.تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى4.يازما ئىسپات قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكار پXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار پXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ 15000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. دىلودىكى زىيانلانغۇچىنىڭ زىيانلىرى ئەسلىگە كەلگەن، جاۋاپكارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلسا پىكرى يوق، شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى تەدبىقلاپ، جاۋاپكارغا 6 ئايدىن يۇقىرى 8 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراق قۇيۇش، جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىۋى بېرىمىز. شۇڭا، جاۋابكار پXXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : پاتىگۈل خالىق
2019- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار پXX كېپىلدە .
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىپى ئىككى توپلام، تەپتىش ئارخىپى بىر توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا ، بىر دانە دېسكا قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论