欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(库某某危险驾驶一案认罪认罚)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕301号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ    ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 301 -نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار قۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xxكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:  xxxxxxxxئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى xx كۇچا xx-كۇچا xxنومۇرلۇق ئۆي، تۇرۇشلۇق جايى ئۇچتۇرپان ناھىيەxx رايۇنى xx-بىنا xx-كۇرپۇس، xxنومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، رىمىنۇتچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، xx-يىلى xxئاينىڭ xx-كۈنى xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن xx جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك xx يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، xxيىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قۇxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، جاۋابكار تېز كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار قۇxx  xxيىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى سائەت xx ئەتىراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە xx تاللا بازىرى قارشى تەرىپىدىكى ئەxxنىڭ ئاشخانىسىدا موxx، ياxx قاتارلىقلار بىللەن ھاراق ئىچىپ -xx يىلى xxئاينىڭ xx-كۈنى سائەت 02:00 ئەتىراپىدا ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكىxxxxxxxxنومۇرلۇق، ئاق رەڭلىك بەش كىشىلىك ئائىلە ئاپتۇمۇبىلىغا موxx، ياxx قاتارلىقلارنى چىقىرىپ،  ھاراق ئىچكەن ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ماشىنىنى مەس ھالەتتە ھەيدەپ ، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx رايۇنى xx كىيىم تىكىش كارخانىسىنىڭ ئالدى تەرەپ يول بۈلۈكىدە كىتىۋاتقاندا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان. 

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا « قۇxxنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئالكوگۇل مىقدارى 218.88مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار قۇxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قۇxxنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 5 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى

-2020يىلى 6 -ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە ، تىلفۇن نۇمۇرى : xxxxxxxx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.


评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top