شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 382-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار قۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011992xxxxxxxx، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانغان (2012-يىل ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر xx رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنى تەرىپىدىن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ جازالانغان) . 2019-يىل -10ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى (2019) 1499-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار قۇxxن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 2019-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 02:04 لەردە ئاقسۇ شەھەر قxx يېزا xxتاماقخانىسى ئالدىغا توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ 250 مىتىر ئەتىراپىدا ماڭغاندا شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 179.29 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان بۇلۇپ مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار قۇxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار قۇxx جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، ئۇنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار قۇxxىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات:
1.جاۋابكار ئائىلىسدە كىپىلدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : 1389923xxxx.
8 .2نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论