شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020)XX-نومۇرلۇق
جاۋابكار قXX، ئەر، -XXXXيىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292419XXXXXX0522 ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، شايار ناھىيە XX يېزا XX كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىلگىرى شايار ناھىيلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار قXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)XX-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار قXX 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ۋاختى سائەت 21:30 لەر ئەتىراپىدا شايار ناھىيە XX بازىرىدىن XX يېزىسىدىكى ئۈيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىيى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ XX بازىرى XX كەنىت تەۋەلىكىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ھاراق دۇكىنىدىن 500 گىراملىق ئاق ھاراقتىن بىر پوتۇلكا سېتىۋېلىپ داۋاملىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ XX بازىرى XX كەنىت تەۋەلىكىگە كەلگەندە موتسىكىلىتىنى يولنىڭ قىرىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ ئۆزى يالغۇز بىر پوتۇلكا 500 گىراملىق ئاق ھاراقنىڭ يېرىمىنى ئىچكەندىن كىيىن، داۋاملىق تارىم يېزىسىدىكى ئۈيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىيى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاختى سائەت 22:50 لەر ئەتىراپىدا تارىم يېزا XX كەنىت تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار قXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 194.01 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى، 176-ماددىسى، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار قXXغا ئۈچ ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 6600 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
XXXX
-2020يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (67بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار كېىپىلدە، ھازىر ئائىلىسىدە بار.
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论