温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕388号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار قXX، ئەر ، ئۇيغۇر،1975-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى:XXXXXXXX6529221975، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە X بازىرى X كەنىت X-مەھەللەX-قورو ، ئوتتۇراتېخنىكۇم مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە ، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2019-يىلى 12 -ئاينىڭ 15-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ،شۇ ئاينىڭ 16-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار قXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكارقXX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 02:40 ئەتراپىدا، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن،新NXXXXXنومۇرلۇق كىچىك تىپىتىكى ئاپتومۇبىلنى ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە قىزىل بازىرى ياشلار مەيدان ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ يېنىدىكى تۆت كوچا يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا ،شۇ يول بۆلۈكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى قىزىل بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن بايقالغان.
جاۋاپكارقXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml135.19غايەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 2-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 2-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار قXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكار قXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر
پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكارقXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە، تېلىفۇن: XXXXXXXXXXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论